ئەلھال

رەۋىش [ئەرەبچە] <يېزىق تىلى> ھازىر، مۇشۇ پەيتتە، ئەينى ۋاقىتتا: ئوقۇتقۇچىلار ئوقۇغۇچىلارغا ئەلھال بار بولغان بىلىمنى نەزەردە تۇتقان ھالدا جانلىق، قىزىقارلىق قىلىپ سۆزلىشى كېرەك.

ئەلھاسىل

باغلۇچى [ئەرەبچە] <يېزىق تىلى> ئومۇمەن قىلىپ ئېيتقاندا، يىغىپ ئېيتقاندا، قىسقىسى، ئومۇمەن دېگەن مەنىدە قىستۇرما سۆز رولىدا كېلىدۇ: ئەلھاسىل، ئۆلكىمىزنىڭ ئىقتىسادىنىڭ كۆتۈرۈلۈشى بىلەن خەلق تۇرمۇشى كۈندىن-كۈنگە ياخشىلىنىپ كېتىپ بارىدۇ.

ئەلنەغمىلىك

ئىسىم. ئەلنەغمە قىلىش ھەرىكىتى، پائالىيىتى: ئۇ سايىمئاخۇن ئورۇنلىغان خوتەن سەنىمى بىلەن «چەبىيات مۇقامى» سەنىمىنىڭ نوتىسىنى سېلىشتۇرۇپ، سەنەم نەغمە شەكىللىرىنىڭ ئەلنەغمىلىك ئاساسى بىردەك ئىكەنلىكىنى، بىر مەنبەدىن تۈسلەشتۈرۈلگەنلىكىنى كۆرسىتىپ ئۆتكەن.

ئەلنەغمىچىلىك

ئىسىم. ئەلنەغمە بىلەن شۇغۇللىنىش ئىشى، كەسپى: قەشقەر، كۇچا، غۇلجا كوچىلىرىدا، ساماۋار-چايخانىلاردا ئەلنەغمىچىلىك قىلىدىغان كەمبەغەل سازەندىلەر دائىم مۇقام چېلىش بىلەن كۈن كەچۈرگەن.

ئەلمەش-چەلمەش

مۇناسىۋىتى ئىنتايىن يېقىن، ئاپاق-چاپاق، ئىچقويۇن-تاشقويۇن، ھەمنەپەس: بۇ جانىجان مەنپەئەت نەمەت بىلەن سايىمنى بىر ياقىدىن باش چىقىرىدىغان ئەلمەش-چەلمەشلەرگە ئايلاندۇرۇۋەتكەنىدى.