ئىسىم [ئەرەبچە] ①جىسمانىي ئازاب، ئاغرىق: ئەلەم كۈرىشى.*نىياز ئۇزاق يىلغىچە كېسەل ئازابىنى تارتىپ ئۆمرى ئەلەم بىلەن ئۆتتى. ②روھىي ئازاب، دەرد-ھەسرەت: ئەلەم بولماق. ئەلەم تارتماق. ئەلەم چەكمەك. ③قەست، ئۆچ، قىساس:. سىز بىكاردىن-بىكار شۇنچە ئاچچىقلاپ كېتىپسىز، ئۇنىڭدىن ئالالمىغان ئەلەملىرىڭىزنى مەندىن ئالماقچىمۇ؟ ④<دىن> شەرىئەت يولى بىلەن چىقىرىلغان پەتىۋانى تەستىقلايدىغان ياكى رەت قىلىدىغان دىنىي زات؛ باش مۇپتى، دىنىي ئۆلىما: ئەلەم ئاخۇنۇم. ⑤بايراق، تۇغ: ئەلەملەر كۆرۈنۈپ، دۇمباق ئاۋازى ئاڭلىنىپ تۇراتتى. ⑥مازارلارنى تاۋاپ قىلغۇچىلار تەرىپىدىن شۇ مازارلارغا ئېسىلغان لاتا.