ئايلانماق

1. پېئىل ①ئۆز ئوقىدا، بىرەر دائىرە ئىچىدە ياكى بىرەر نەرسىنى بويلاپ ھەرىكەت قىلماق: قېيىق دوقمۇشتىن ئايلىنىپ، چوڭ سازلىققا كەلدى. ②سەيلە، تاماشا قىلماق؛ كەزمەك، ئارىلىماق: ئالماس تېخىچە شەھەر ئىچىدە ئايلىنىپ يۈرەتتى. ③كۆزدىن كەچۈرمەك، تەكشۈرمەك: مەغرىپتىن كەلگەن ئادەم ئايلىنىپ يۈرۈپ، سىرنى ئوبدان ئۇقۇۋاپتۇ.

2. ④باشقا ھالەتكە، كۆرۈنۈشكە كىرمەك، باشقا تۈس ئالماق، ئۆزگەرمەك: يامغۇر ئاستا-ئاستا قارغا ئايلاندى. *تۇراپ ئۇنىڭ نەزىرىدە پۈتۈنلەي كاردىن چىققان، يارىماس ئادەمگە ئايلاندى. ⑤يۈرۈشمەك، ئوبوروت بولماق: تىجارەتتە پۇل قانچە تېز ئايلانسا، پايدا شۇنچە كۆپ بولىدۇ. ⑥توغرا كەلمەك، تەقسىملەنمەك: ئۇنىڭ يېرى ناچار بولغاچقا، چىققان ھوسۇلى ئاران بىر موغا بەش خودىن ئايلانغان. ⑦مەشغۇل بولماق، تۇتۇنماق: ئادىل ئۇششاق-چۈششەك ئىشلار بىلەن ئايلىنىپ قېلىپ، يىغىنغا ۋاقتىدا كېلەلمىدى.

ئايلانما

سۈپەت ①ئۆز ئوقىدا، بىرەر دائىرە ئىچىدە ياكى بىرەر نەرسىنى بويلاپ ھەرىكەت قىلىدىغان، ئايلىنىدىغان، پىرقىرايدىغان: ئايلانما ئورۇندۇق. ئايلانما ھەرىكەت. ئايلانما غالتەك. ②ئايلاندۇرۇپ ياسالغان ياكى ياي شەكلىدە ئورۇنلاشقان، يايسىمان: ئايلانما يول. ئايلانما پەلەمپەي. ③يۈرۈشۈپ تۇرىدىغان، ئوبوروت بولىدىغان: ئايلانما كاپىتال.

ئايلانسۇن

①«ئايلانماق» پېئىلىنىڭ 3-شەخس بۇيرۇق-تەلەپ مەيلى. ②ئىملىق سۆز. سادىغىسى كەتسۇن؛ ئۆرگۈلسۇن: جامال ئاكا: ئۇنى بىر دەيسەن، زىياپەت سېنىڭدىن ئايلانسۇن! بۈگۈن دېگەن يېرىمدىن چىقالىساڭ، ساڭا ئاتاپ پاقلان سويۇۋېتىمەن تېخى، ھا. . . ھا. . . ھا. . . ③ئىملىق سۆز. يېقىنچىلىق ياكى ھۆرمەتنى ئىپادىلىگۈچى مۇراجىئەت سۆزى:-ئايلانسۇن، بالام، تاغاڭ ئايلانسۇن، -دېدى كىبىر.

ئايلاندۇرماق

①«ئايلانماق» پېئىلىنىڭ مەجبۇرىي دەرىجىسى: ئۇلار بىر كۈنى دادامغىمۇ قالپاق كىيدۈرۈپ، يۈزىنى قارا بوياپ كوچا ئايلاندۇرۇپ، سازايى قىلدى. ②ئالدىماق، قايمۇقتۇرماق: ھىسامىدىن:-سېنى تازىمۇ ئايلاندۇرۇپتۇ-دە، بولدى، ۋاقتىدا بېرىپ چاپاننى ئېلىۋالايلى، يۈرۈڭلار، -دېدى.

ئايلا

ئىسىم ①ئۆزىدىن چوڭ ئايال بىر تۇغقىنى، ئاچا؛ ھەدە. ②ئۆزىدىن چوڭ ئاياللارنى ھۆرمەتلەپ ئاتاشتا ئىشلىتىلىدۇ: زەينەپ:-ئايلا! بولدى قىلىڭ، -دېگىنىچە سانىيەنىڭ قۇچىقىغا ئېتىلدى. ③تارىخى سۆز. ۋاڭ جەمەتىدىن بولمىغان ئوردا خىزمەتچىلىرىنىڭ خوتۇنلىرىنىڭ ھۆرمەت نامى.