ئانا بولماق

①بالىلىق بولماق، بالىلىق ئاياللار قاتارىغا ئۆتمەك. ②ئانا ئورنىدا باشقىلارنىڭ بېشىنى سىلاپ، دەردىگە دەرمان بولماق، ياخشىلىق قىلماق: پەرزەنتلەرگە مېھرى پۈتمەس ئانا بولدۇڭ، كۈلسەڭ ئۇلار كۈلىدۇ، غېمىدە غەمگە تولدۇڭ.

ئانا

1. ئىسىم ①پەرزەنتلىك ياكى بالاچاقىلىق ئايال كىشى (ئۆز بالىلىرىغا نىسبەتەن): ئۆز ئانا. ئۆگەي ئانا. *ئانا ئايىغىدا جەننەت بار (ماقال). ②يېشى چوڭ، قېرى ئاياللارنى ھۆرمەت بىلەن چاقىرىش، مۇراجىئەت قىلىش فورمىسى: ئانا، قەيەردىن كەلدىلە؟ 2. ③يېشى چوڭ، قېرى ئاياللارنى ھۆرمەت بىلەن چاقىرىشتا ياكى مۇراجىئەت قىلشتا، ئۇلارنىڭ نامىغا قوشۇپ ئېشلىتىلىدۇ: رەۋىخان ئانا ئۇزۇندىن بېرى نەۋرىلىرى ئۈچۈن ساقلاپ قويغان گۈلەقاقلىرى سېلىنغان سېۋىتىنى بىلىكىگە ئۆتكۈزۈپ، ئاستا قەدەملەر بىلەن شەھەرگە قاراپ يۈرۈپ كەتتى. ④بالا تۇغقان جانىۋار: ئانا كەپتەر. ئانا توشقان. 3. ⑤كۆچمە مەنىدىكى سۆز. بىرەر ئىش، ھادىسە ياكى نەرسىنىڭ پەيدا بولۇشىغا سەۋەب بولىدىغان، ئۇنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدىغان ياكى ئۇنىڭ كېلىپ چىقىشقا سەۋەب بولىدىغان ئامىل؛ سەۋەب: زۇكام، كېسەلنىڭ ئانىسى. ⑥شۇ نەرسىنىڭ غوللۇق، ئاساسىي قىسمى: ئانا ئېرىق. ئانا ئۆستەڭ....

داۋامىنى ئوقۇڭ!