ئامۇتلۇق

①سۈپەت. ئامۇت دەرىخى ئۆسكەن، ئامۇت دەرىخى كۆپ: ئامۇتلۇق باغلىغۇچى ئامۇتلۇق ھويلا. ②ئىسىم. ئامۇت دەرەخلىرى ئۆستۈرۈلگەن جاي (يەر): ئۇلار ئامۇتلۇققا بېرىپ بىر مەھەل سەيلە قىلىشتى.

ئاميوبا

ئىسىم [رۇسچە<گرېكچە] <بىئولوگىيە> تاق ھۈجەيرىلىك ئەڭ كىچىك بىر خىل ھايۋان. ھەرىكەت قىلغاندا تەن ھالىتىنى ئۆزگەرتەلەيدۇ. ئادەتتە سۇدا ياشايدۇ. پۇتى بىلەن ھەرىكەت قىلىدۇ ۋە ئوزۇقلۇق تېپىپ يەيدۇ.

ئامىن

ئىملىق سۆز [ئەرەبچە] پاتىھەدە «ئىلاھى شۇنداق بولسۇن، ئېيتقىنىڭىز كەلسۇن» دېگەن مەنىدە ئىشلىتىلىدىغان سۆز: ئابدۇللا ئىختىيارسىز دۇئاغا قول كۆتۈرۈپ:-شۇنداق بولغاي! ئامىن، ئاللا مەدەت قىلسۇن، ئامىن. . . ، -دېدى.

ئامىلە

ئىسىم [پارسچە] <بوتانىكا> ①يوپۇرماق تاشلايدىغان كىچىك غوللۇق دەرەخ. مېۋىسىنى يېيىشكە ھەم بوياق ماتېرىيالى قىلىشقا بولىدۇ. ياغىچى قىزىل ۋە چىڭ بولغاچقا ئۇنىڭدىن ئۆي سايمانلىرى ياساشقا بولىدۇ. ②مۇشۇ خىل دەرەخنىڭ مېۋىسى.