ئالا-بۇلا

①ئاق ۋە باشقا ھەر خىل رەڭ ئارىلاشقان: بىر يېرى ئاق، بىر يېرى باشقا رەڭدە: ئۇ بىر قولى بىلەن چېكىسىنى تىرەپ، ئىككىنچى قولىنى بالا يۆگەلگەن ئالا-بۇلا كۆرپىگە قويۇپ ئولتۇراتتى. ②كۆچمە مەنىدىكى سۆز. تۇتۇرۇقسىز، تۇتامى يوق، تاققا-تۇققا: ئۇ ئالا-بۇلا سۆزلەپ قالدى. ③خۇسۇسىيەتلىرى جەھەتتىن بىر خىل بولمىغان؛ ھەر خىللىققا ئىگە: ئومۇمىي جەھەتتىن ئېيتقاندا، تەجرىبە تەنقىدچىلىكى بىر «ئالا-بۇلا ئارىلاشما».

ئالا

سۈپەت ①ئاق-قارا، ئاساسەن ئاق بىلەن باشقا رەڭنىڭ ئارىلىشپ كېلىشىدىن ھاسىل بولغان (ھايۋانلار ھەققىدە): ئالا ئات. ئالا كالا. *ئادەمنىڭ ئالىسى ئىچىدە، ھايۋاننىڭ ئالىسى تېشىدا (ماقال). ②ھەر خىل رەڭلىك ياكى يوللۇق؛ چىپار: ئالا بەقەسەم. ئالا كۆڭلەك. ئالا بالداق. ③كۆچمە مەنىدىكى سۆز. باراۋەر، تەكشى ئۈنۈپ چىقمىغان، شالاڭ؛ بىر يەردە بار، بىر يەردە يوق: ئالا بۇغداي. ④بىر خىل ئەمەس، يامان: ئالا كۆڭۈل. ئالا نىيەت.

ئاگېنتلىق

ئىسىم. مۇخبىرلار ياردىمىدە سىياسىي ۋە ئىجتىمائىي ھاياتقا، تۇرمۇشقا دائىر مەلۇماتلار ۋە خەۋەرلەرنى توپلاش ھەم تارقىتىش ئورگىنى: شىنخۇا ئاگېنتلىقى. مەركىزىي ئاخبارات ئاگېنتلىقى.

ئاگېنت

ئىسىم [رۇسچە<لاتىنچە] ①بىرەر تەشكىلات، مۇئەسسەسە قاتارلىق ئورۇنلارنىڭ مەلۇم ۋەزىپىنى ئۆتەش ئۈچۈن بەلگىلەنگەن ۋەكىلى. ②باشقىلار تەرىپىدىن قويۇلغان، شۇلارنىڭ مەنپەئىتى ئۈچۈن خىزمەت قىلىدىغان شەخس: بۇرژۇئازىيە ئاگېنتلىرى. ③بىرەر دۆلەت رازۋېدكىسىنىڭ مەخپىي خادىمى، جاسۇس، ئايغاقچى.