ئالاقىدار

سۈپەت [ئەرەبچە+پارسچە] مۇناسىۋىتى، ئالاقىسى بار: ھۆكۈمەت خىزمىتى ۋە ئىقتىسادىي خىزمەتكە ئالاقىدار چوڭ-چوڭ مەسىلىلەرگە دائىر سىياسەتلەرنى يەنىلا پارتىيە بەلگىلىشى لازىم.

ئالارمەن

①سۈپەت «ئالماق» پېئىلىنىڭ كەلگۈسى زامان 1-شەخس بىرلىك ساندا تۈرلەنگەن شەكلى. ②ئىسىم. مال ياكى نەرسە-كېرەك سېتىۋالغۇچى، خېرىدار بولغۇچى كىشى: بېرەرمەننىڭ بېشىنى ئالارمەن ئوڭشاپتۇ (ماقال). ③ئىسىم. كۆچمە مەنىدىكى سۆز. باشقىلارغا قىلچە نەرسە ئۆتكۈزمەيدىغان، باشقىلارنىڭ پۇلى، مال-مۈلكىنى ئالسام دەپ تۇرىدىغان كىشى.

ئالا گەدەن

تەربىيە كۆرمىگەن، ھەددىدىن ئوشۇق قوپال ۋە قاتتىق مۇئامىلە قىلىدىغان: ھوي، قاپاق باش ئالاگەدەن، سىلىگە ئوخشاش بوھتان چاپلاپ خەقنىڭ قېنىنى شوراۋاتقىنىم يوق، تىللىرىنى ئوڭشاپ گەپ قىلسىلا.

ئالا قاغا

①قارا ۋە كۈل رەڭ بىر تۈرلۈك قاغا. ②كۆچمە مەنىدىكى سۆز. خەۋەر تارقاتقۇچى، گەپ توشۇغۇچى:-بۇ گەپنى نەدىن ئاڭلىدىڭ؟-دەپ سورىسام، -بىر ئالا قاغىدىن، -دەپ جاۋاب بەردى ئۇ قۇلىقىمغا پىچىرلاپ.