ئاق تەنلىكلەر

<ئىرق> دۇنيادىكى ئۈچ چوڭ ئىرقنىڭ بىرى، تېرىسى ئاق، چېچى يۇمشاق ھەم دولقۇنسىمان، قاڭشارلىق كېلىدۇ، ياۋروپا، ئامېرىكا قىتئەلىرى ۋە ئاسىيانىڭ غەربى ۋە جەنۇبىدا ياشايدۇ.

ئاق تاشلىق كىتاب

بەزى دۆلەتلەردىكى ھۆكۈمەت ياكى پارلامېنتنىڭ ئاشكارا ئېلان قىلغان سىياسىي، دىپلوماتىيە، مالىيە ۋە باشقا جەھەتلەردىكى ھۆججەتلىرى. بۇ ھۆججەتلەرنىڭ مۇقاۋىسى ئاق بولغاچقا «ئاق تاشلىق كىتاب» دەپ ئاتالغان.

ئاق 3

⑧ئىسىم. بەزى كېسەللىك نەتىجىسىدە كۆز قارىچۇقىدا پەيدا بولغان ئېقىش داغ پەردە: كۆزگە ئاق چۈشمەك. ⑨ئىسىم. تۇخۇمنىڭ ئاقسىل ماددىسى: تۇخۇمنىڭ ئېقى. ⑩سۈپەت. سۇس، ئاققا مايىل: ئاق يېشىل، ئاق سېرىق. ⑪ئىسىم. ئۆلۈم-دەپنە ئىشلىرىدا مۇسىبەت ئىگىلىرى ماتەم تۇتۇپ باغلايدىغان ئاق رەخت: مەرھۇمنىڭ يالغۇز قىزى بېشىغا ئاق رومال چىگىپ، بېلىگە ئاق باغلاپ جىنازىنىڭ ئالدىدا ماڭدى.

ئاق

1. ①سۈپەت. پاختا، قار ياكى سۈت رەڭدىكى؛ قارىنىڭ ئەكسى: ئاق خەسە. ئاق ئۇن. ئاق قەغەز. *ئۇلارنى ئاق خالاتلىق، چىرايلىق بىر قىز ئىتتىك ئورنىدىن تۇرۇپ قىزغىن قارشى ئالدى. ②سۈپەت. سىرتى، كۆرۈنۈشى ئاق رەڭگە مايىل: ئاق يۈزلۈك، ئاق بىلەك. ئاق ئالما. ③سۈپەت. خەت يېزىلمىغان؛ زىرائەت تېرىلمىغان؛ بىكار، بوش: ئاق بەت. *ئۇنىڭ يېرى تېرىلماي ئاق قالسا ئەپلەشمەس، بىز ئىشلەپ قويساق دەيمەن.

2. ⑤ئىسىم. توغرا، ياخشى ئىش، ھەقىقەت: ئاقنى قارا، قارىنى ئاق قىلماق. ⑥ئىسىم. ئاقارغان تۈك، موي؛ چاچ ۋە ساقالنىڭ ئاقارغان قىسمى: چاچنىڭ ئېقى. *ساقىلىڭنىڭ ئېقى بار، بالىلىقىڭ تېخى بار. ⑦ئىسىم. كۆزنىڭ قارىچۇقىنى ئوراپ تۇرغان تىنىق رەڭ قىسمى: كۆزنىڭ ئېقى.