ئاغىنىدارچىلىق

ئىسىم. ئاغىنىلەر ئارا دوستانە مۇناسىۋەت، ئىناقلىق، دوستلۇق: بىز ئاغىنىدارچىلىقنى قانۇن ئورنىغا دەسسەتمىگەن بولساق، ئوغلىڭىز بۇ دەرىجىدە بۇزۇلۇپ كەتمىگەن بولاتتى.

ئاغىز (ئاغزى)

1. ئىسىم ①ئىككى لەۋ ئوتتۇرىسىدىكى ئوزۇقلىنىدىغان، سۆزلەش ياكى ئاۋاز چىقىرىش ئۈچۈن خىزمەت قىلىدىغان بوشلۇق: دىۋە ئاغزىنى ئېچىپ، قىزغا ھۇجۇم قىلدى. ②ئىككى لەۋ ۋە ئۇلارنىڭ بىر-بىرىگە تېگىپ تۇرغان جايى، ئەتراپى: ئاغزىغا سۆيۈپ قويماق. ③كۆچمە مەنىدىكى سۆز. سۆزلىگۈچى كىشى؛ ئادەم: كۆپ ئېغىز بىر بولسا، بىر ئېغىز يېڭىلىدۇ (ماقال). ④ئېتىش قوراللىرىنىڭ ئوق ئېتىلىپ چىقىدىغان تۆشۈكى: مىلتىق ئاغزى، زەمبىرەك ئاغزى.

2. ⑤ئىچى بوش، كاۋاك بولغان نەرسىلەرنىڭ كىرىش چىقىش ئۈچۈن خىزمەت قىلىدىغان جايى، تۆشۈكى: قۇدۇقنىڭ ئاغزى. تاغارنىڭ ئاغزى. قىشلىق كۆكتات ئورىسىنىڭ ئاغزى مەھكەم ئېتىلمىگەنلىكى ئۈچۈن ئورىدىكى كۆكتاتلار مۇزلاپ قالدى. ⑥مەلۇم جاينىڭ باشلىنىش، كىرىشچىقىش جايى: كوچا ئاغزى. *بىز ئىككىمىز بازار كۈنى شەھەر كوچىسىنىڭ ئاغزىغا يېتىپ كېلىشىمىزگىلا توخۇتۇخۇم سېتىۋالىدىغانلار ئالدىمىزغا يۈگۈرۈپ كېلىشتى.

ئاغىچە

ئىسىم <بوتانىكا> ①كاۋا ئائىلىسىدىكى بىر يىللىق، سامان غوللۇق ئۆسۈملۈك. يوپۇرمىقى ئۈچتىن يەتتىگىچە يېرىلىدۇ، گۈلى تاق جىنسلىق، رەڭگى سېرىق كېلىدۇ، مېۋىسى ئۇزۇن، تورلىشىپ كېتىدۇ، تېبابەتچىلىكتە دورا قىلىنىدۇ، ئائىلىلەردە قازان يۇيۇش ئۈچۈن ئىشلىتىلىدۇ. ②شۇ ئۆسۈملۈكنىڭ مېۋىسى.

ئاغىچىلىق

①ئىسىم. ئاغىچا بولۇپ ئاغىچىلاردەك تۇرمۇش كەچۈرۈش، ئاغىچىغا ئايلىنىش: شەرۋانەمگە ئاغىچىلىق قالتىس يارىشىپتۇ. ②سۈپەت. ئاغىچىسى بار، ئاغىچىغا ئىگە: ئاغىچىلىق ئادەم بويتاق يىگىتلەردەك باشقىلارغا كۆز سېلىپ يۈرسەم ياراشمايدۇ.

ئاغىچا

ئىسىم ①كونا جەمئىيەتتە باي، بەگ ۋە ئەمەلدارلارنىڭ ئۆيىدە ئىشلەيدىغان ئايال خىزمەتچى: ۋاڭ ۋە شاھزادە ئۈچۈن ئىككىدىن ئات قوشۇلغان پوچتا، خېنىم ۋە ئاغىچىلار ئۈچۈن چىلان رەڭ دۇخاۋىدا تاشلانغان پەنجىرىلىك مەپە تەييار قىلىندى. ②بىراۋغا نىكاھلانغان، بىراۋ بىلەن توي قىلغان ئايال؛ خوتۇن: (باسىت)-باشقا ئاغىچىلىرى شەرۋانەمنىڭ ئالدىدا بىر ئېغىز سۆزمۇ قىلالمايدۇ دەيمەن، -دېدى شاڭيۇغا.

ئاغمىخان

ئىسىم <زوئولوگىيە> بىر خىل سۈت ئەمگۈچى ھايۋان. بەدىنى كىچىك، ئۇزۇنراق، پۇتلىرى قىسقا بولىدۇ؛ قۇيرۇقى بەدەن ئۇزۇنلۇقىنىڭ يېرىمىغا توغرا كېلىدۇ، رەڭگى ئاق ياكى سېرىق بولىدۇ.