پالاقچە

①ئىسىم <زوئولوگىيە> بېلىقلارنىڭ ھەرىكەت ئورگىنى. ئۇ تىكەنسىمان سۆڭەڭ ۋە پەردە شەكلىدىكى تىرەپ تۇرغۇچى كۆمۈرچەكلەردىن تۈزۈلىدۇ. ئۇنى ئورۇنلاشقان ئورنىغا قاراپ كۆكرەك پالاقچىسى، قورساق پالاقچىسى، دۈمبە پالاقچىسى، ساغرا پالاقچىسى ۋە قۇيرۇق پالاقچىسى دەپ بىرقانچە تۈرگە بۆلۈشكە بولىدۇ. ②<بوتانىكا> باشاقلىقلار ئائىلىسىدىكى ئۆسۈملۈك گۈللىرىنىڭ ئۇرۇقدانى تۈۋىدە بولىدىغان سۇلۇق ۋە تەڭگىگە ئوخشاپ كېتىدىغان بىر خىل قۇرۇلما. سانى ئىككى تال بولۇپ، كىچىك ۋە رەڭسىز كېلىدۇ. ئۇ سۇ سۈمۈرگەندىن كېيىن كۆپۈپ، گۈلىنىڭ ئېچىلىشىنى تېزلىتىدۇ.

Leave a Reply

Your email address will not be published. Required fields are marked *