پايە

ئىسىم [پارسچە] <يېزىق تىلى>①ئېگىزلىككە چىقىپ چۈشۈشتە ئىشلىتىلىدىغان شوتا، پەلەمپەي؛ باسقۇچ: ھاتەم ئورنىدىن تۇرۇپ، تەختنىڭ بىرىنچى پايىسىگە قەدەم قويدى. ②پۇت، ئاياغ: ئەتىرگۈلدەك چىرايىڭغا بېقىپ، رەڭگىم چىلان بولدى، تىكەن پايەڭ تۈپەيلىدىن مېنىڭ كۆكسۈممۇ قان بولدى. ③ياغاچ ياكى ساپالدىن ياسالغان چىراغ قويىدىغان جاھاز: ئالدىڭ ئۈچ ئامىلدىن «چىراغ» دېگەن نام، بىرى ياغ، پىلىكۇ،بىرىدۇر پايە. ④ئۆسۈملۈكلەرنىڭ شېخى، يوپۇرمىقى، گۈلى ۋە مېۋىلىرىنى كۆتۈرۈپ تۇرىدىغان يەر ئۈستى قىسمى؛ غولى، تۈپى: ئەتراپتا كۆرۈنمەيدۇ ئىنسان سايىسى، باغلاردا زەپىران گۈللەر پايىسى.

Leave a Reply

Your email address will not be published. Required fields are marked *