ئىسىم [پارسچە] ①ئۇزاق ئۆمۈر كۆرگەن ئادەم، قېرى كىشى: مەن چۈشۈمدە پىردەك چاچ-ساقىلى ئاقارغان بىر كىشىنى كۆرۈپتىمەن. ②<دىن> تەسەۋۋۇپچىلارنىڭ يېتەكچىسى، رەھبىرى: ئابدۇرىشىتخان:-ھەزرىتى پىرىمنىڭ خەيىرخاھلىقىغا تەشەككۈر-دېدى. ③بىرەر كەسىپنىڭ ئاساسچىسى ۋە ئۇنى ۋۇجۇدقا چىقارغۇچى دەپ قارىلىدىغان كىشى: ياغاچچىنىڭ پىرى. ④كۆچمە مەنىدىكى سۆز. بىرەر ئىش، كەسىپ ياكى ساھەنى ياخشى ئىگىلىگەن كىشى، شۇ ساھەدە ئەڭ ماھىر، ئۇستا ئادەم؛ ئۇستاز:-ئوينىماي ئولتۇرسام بىلمەمدىكىن دېمەڭ، تانسا دېگەننىڭ پىرى بىز!-دېدى نامەت. ⑤تەقلىد سۆز. پىرقىرىغۇچ قاتارلىق نەرسىلەرنىڭ ئايلىنىشىدىن ۋە قۇشقاچ قاتارلىق كىچىك قۇشلارنىڭ ئۇچۇشىدىن چىقىدىغان ئاۋاز: سۇ قوشتىن ئىتتىك ئېقىپ چۈشۈشى بىلەن تەڭ تۈگمەننىڭ چاقپەلىكى «پىر» قىلىپ ئايلاندى.
تۈرلەر
- ئۇيغۇر تىلىنىڭ ئىزاھلىق لۇغىتى
- ئۇيغۇر خەلق-ماقال تەمسىللىرى
- ئۇيغۇرچە-ئىنگلىزچە ئاتالغۇلار لۇغىتى
- ئۇيغۇر دوكتورلىرى
- يازغۇچى-شائىرلار
- جەمئىيەتشۇناسلار
- ئۇيغۇرشۇناسلار
- ئىنسانشۇناسلار
- تەرجىمىھال
- رەسساملار
- مۇزىكانتلار
- خەتتاتلار
- دىن
- تارىخ
- سەنئەت
- ئەدەبىيات
- مەدەنىيەت
- يېمەك-ئىچمەك
- ماتېماتىكا
- جۇغراپىيە
- تېبابەت
- خېمىيە
- فىزىكا
دىيارىمىز
- ئۇيغۇر دىيارى
- ئۈرۈمچى شەھىرى
- قۇمۇل شەھىرى
- تۇرپان شەھىرى
- قاراماي شەھىرى
- قەشقەر ۋىلايىتى
- خوتەن ۋىلايىتى
- ئاقسۇ ۋىلايىتى
- ئالتاي ۋىلايىتى
- تارباغاتاي ۋىلايىتى
- قىزىلسۇ قىرغىز ئاپتونوم ئوبلاستى
- بايىنغولىن موڭغۇل ئاپتونوم ئوبلاستى
- بورتالا موڭغۇل ئاپتونوم ئوبلاستى
- ئىلى قازاق ئاپتونوم ئوبلاستى
- سانجى خۇيزۇ ئاپتونوم ئوبلاستى
- بىۋاستە قاراشلىق شەھەرلەر











