پېئىل ①ئۆسۈپ، راۋاجلىنىپ ئىستېمال قىلىشقا، ئىشلىتىلىشكە بولىدىغان، ياراملىق ھالغا كەلمەك؛ يېتىلمەك (مېۋەچېۋە، دانلىق زىرائەت ۋە شۇنىڭغا ئوخشاشلار ھەققىدە): پىشقان قوغۇن ساپىقىدا تۇرماس (ماقال). ②قورۇش، قاينىتىش، دۈملەش قاتارلىق ئۇسۇللار ئارقىلىق ئىستېمال ئۈچۈن تەييارلانماق: تاماق پىشماق. *بەرمەسنىڭ ئېشى پىشماس، ئوچاق بېشىدىن چۈشمەس (ماقال). ③كۆچمە مەنىدىكى سۆز. بىرەر ئىشقا، ساھەگە تەجرىبىلىك بولۇپ يېتىلمەك: كەسىپكە پىشماق. ④كۆچمە مەنىدىكى سۆز. چېنىقماق، تاۋلانماق: بەختىيار سۆزلەۋېتىپ، ئەمگەكتە پىشقان قاتمال قوللىرى بىلەن سائادەتنىڭ پاختىدەك ئاق، يۇمشاق قوللىرىنى ئاستا تۇتتى. ⑤كۆچمە مەنىدىكى سۆز. قارار قىلماق، بىرلىككە كەلمەك (مەسلىھەت ھەققىدە): شۇ كېچىدە مەسلىھەت پىشتى، چېرىكلەر تاڭ ئاتقاندا جەڭگە ئاتلىنىشقا پەرمان بېرىلدى. ⑥كۆچمە مەنىدىكى سۆز. يېتىپ كەلمەك؛ ھازىرلانماق (ۋاقىت، پەيت، شەرت شارائىت ھەققىدە): شەرت-شارائىتى پىشماق. ⑦كۆچمە مەنىدىكى سۆز. سىڭىش بولۇپ قالماق، ئادەت بولماق (كۆزى ۋە قۇلاققا): كۆزى پىشماق. *بۇ گەپلەرنى تولا ئاڭلاپ، مېنىڭ قۇلىقىم پىشىپ قالدى. ⑧كۆچمە مەنىدىكى سۆز. چىڭدالماق، پىششىقلانماق: كىگىز پىشتى. خىش ياخشى پىشتى. ⑨پېئىل. سۇ ۋە شۇنىڭغا ئوخشاش سۇيۇقلۇققا چىلاپ ھۆل قىلماق، چۆمۈلدۈرمەك: سۇغا پىشماق.
تۈرلەر
- ئۇيغۇر تىلىنىڭ ئىزاھلىق لۇغىتى
- ئۇيغۇر خەلق-ماقال تەمسىللىرى
- ئۇيغۇرچە-ئىنگلىزچە ئاتالغۇلار لۇغىتى
- ئۇيغۇر دوكتورلىرى
- يازغۇچى-شائىرلار
- جەمئىيەتشۇناسلار
- ئۇيغۇرشۇناسلار
- ئىنسانشۇناسلار
- تەرجىمىھال
- رەسساملار
- مۇزىكانتلار
- خەتتاتلار
- دىن
- تارىخ
- سەنئەت
- ئەدەبىيات
- مەدەنىيەت
- يېمەك-ئىچمەك
- ماتېماتىكا
- جۇغراپىيە
- تېبابەت
- خېمىيە
- فىزىكا
دىيارىمىز
- ئۇيغۇر دىيارى
- ئۈرۈمچى شەھىرى
- قۇمۇل شەھىرى
- تۇرپان شەھىرى
- قاراماي شەھىرى
- قەشقەر ۋىلايىتى
- خوتەن ۋىلايىتى
- ئاقسۇ ۋىلايىتى
- ئالتاي ۋىلايىتى
- تارباغاتاي ۋىلايىتى
- قىزىلسۇ قىرغىز ئاپتونوم ئوبلاستى
- بايىنغولىن موڭغۇل ئاپتونوم ئوبلاستى
- بورتالا موڭغۇل ئاپتونوم ئوبلاستى
- ئىلى قازاق ئاپتونوم ئوبلاستى
- سانجى خۇيزۇ ئاپتونوم ئوبلاستى
- بىۋاستە قاراشلىق شەھەرلەر











