پىششىق

①سۈپەت. پىشىپ يېتىلگەن، پىشقان (مېۋەچېۋە ۋە دانلىق زىرائەتلەر ھەققىدە): پىششىق تاۋۇز. *پەتتار بوۋاي، نەۋرىسى ئەكىرىپ بەرگەن پىششىق قوغۇننى كاسا قىلىپ ئىشتىھا بىلەن يەۋاتاتتى. ②سۈپەت. پىشۇرۇلغان، خام ئەمەس، پىشقان: پىششىق خىش. پىششىق گۆش. ③سۈپەت. كۆچمە مەنىدىكى سۆز. بىرەر ئىش ياكى ھەرىكەتنى قىلىشقا ماھىر، ئۇستا:-ئۇ كەسىپتە پىششىق، سەۋىيىسىمۇ يۇقىرى، ئۇ خۇددى تۇپا ئاستىدا بېسىلىپ قالغان ئالتۇن،-دېدى. ④رەۋىش. پۇختا؛ مۇكەممەل؛ تولۇق؛ راۋان؛ ياخشى: يېرىم سائەتتىن كېيىن بالىلار بۇ ناخشىنى خېلى پىششىق ئۆگىنىۋالدى. ⑤سۈپەت. يىپتىن-يىڭنىسگىچە، تەپسىلىي، تولۇق: يېزا باشلىقى بۇ جاينىڭ ئەھۋالىنى پىششىق بىلىدىغان دېھقانلار بىلەن يەنە بىر قېتىم سۆزلىشىپ چىقتى. ⑥سۈپەت. كۆچمە مەنىدىكى سۆز. مولھوسۇللۇق، مۇنبەت: پىششىق يەر. ⑦سۈپەت. كۆچمە مەنىدىكى سۆز. باشقىلارغا بىرنەرسە بەرمەيدىغان؛ بېخىل: پىششىق ئادەم. ⑧سۈپەت. كۆچمە مەنىدىكى سۆز. پۇختا، مۇستەھكەم، چىداملىق؛ ئوڭاياسان ئۈزۈلمەيدىغان، يىرتىلمايدىغان؛ بەك: پىششىق رەخت، پىششىق ئارغامچا. ⑨سۈپەت. كۆچمە مەنىدىكى سۆز. ئورۇنلۇق، مەزمۇنلىق: سۆزنىڭ پىششىقى ياخشى، ئاشنىڭ ئىسسىقى ياخشى (ماقال).

Leave a Reply

Your email address will not be published. Required fields are marked *