پىششىقلىماق

پېئىل ①تەكرارلاش ۋە تولۇقلاش ئارقىلىق بىرەر ئىشنى، نەرسىنى پىششىق، پۇختا ئۆگەنمەك: ئۇ بىر يىلدىن بۇيان مەركىزىي دوختۇرخانىنىڭ بالىلار كېسەللىكى بۆلۈمىدە ئىشلىدى، كەسپىنى پىششىقلىدى. ②ياخشى، مۇكەممەل ھالەتكە كەلتۈرمەك: مۇھەررىر ماقالىنىڭ دەسلەپكى ئورىگىنالىنى تەھرىرلەش جەريانىدا ئۇنى پىششىقلاپ ئىشلىدى. ③چىڭىتماق، چىڭ، پۇختا ھالەتكە كەلتۈرمەك: گىلەمنى پىششىقلىماق. كىگىزنى پىششىقلىماق.

Leave a Reply

Your email address will not be published. Required fields are marked *