پىستان

ئىسىم [رۇسچە<فرانسۇزچە] ①<ھەربىي ئىشلار> ئوق مىشىكىنىڭ كەينى قىسمىدىكى ئوت ئېلىش قۇرۇلمىسى: پىستان چاقماق. *ئۇ ساقچىلار ئىشلىتىدىغان «45» تىپلىق يان قورال ئوقىنىڭ پىستىنى ئىدى. ②بەتىنكە قاتارلىق ئاياغ كىيىمنىڭ بوغقۇچ ئۆتكۈزىدىغان تۆشۈكىگە بېكىتىلىدىغان يۇمىلاق تۆشۈكلۈك بۇيۇم: بەتىنكىگە پىستان بېكىتمەك. ③كۆڭلەك، چاپان قاتارلىق كىيىملەرگە قادىلىپ تۈگمە ۋە پەتلە رولىنى ئوينايدىغان ئەركەكچىشلىق بۇيۇم.

Leave a Reply

Your email address will not be published. Required fields are marked *