«ئا» بىلەن باشلانغان ئىزاھلار

ئاچ-زار

ئاچ قالغان ۋە زارلانغان، جاپا-مۇشەققەت تارتقان، كۈنى ئېغىر: شەرۋانىخان بىلەن رەنا ئۇزۇن يوللارنى ئاچ-زار، ھالسىز باسقان بولسىمۇ، قىيىنچىلىقلارغا قىلچە پەرۋا قىلمىدى.

ئاچلىماق

پېئىل. ئەنئەنىۋى ئادەت بويىچە بىراۋنىڭ ئېچى كىرىپ قالغان كىشىدىكى ئاچنى چىقىرىش ئۈچۈن سەرەڭگە، نان قاتارلىق نەرسىلەر بىلەن شۇ كىشىنى بەلگىلىك ئەنئەنىۋى ئادەتلەر ئاساسىدا تۈرتۈپ-نوقۇلاپ، ئاچنى چىقارماق، بىراۋنىڭ ئېچى كىرىپ قالغان كىشىنى داۋالىماق.

ئاداشماق

پېئىل ①نىشان، يول، ھېساب، پىكىر، سۆز، خىيال، ئەقىل قاتارلىقلاردىن ئازماق: يولدىن ئاداشماق. *ياخشىنى ماختىساڭ يارىشىدۇ، ياماننى ماختىساڭ ئادىشىدۇ (ماقال). ②سەۋەنلىك ئۆتكۈزمەك، خاتالاشماق، يولدىن چىقماق: ئۇ ئاداشقان ياشلارنى يېتەكلەش، تەربىيىلەش، ئۆزگەرتىش خىزمىتىگە ئالاھىدە ئەھمىيەت بەردى.

ئادراسمان

ئىسىم <بوتانىكا> ئوغرىتىكەن ئائىلىسىدىكى كۆپ يىللىق، سامان غوللۇق ئۆسۈملۈك. يىلتىزى توم، يوپۇرمىقى نۆۋەتلىشىپ ئۆسىدۇ، قاتلىنىپ يېرىلىدۇ، گۈلى ئاق، غوزىسى شارسىمان بولىدۇ؛ يەر ئۈستى قىسمى ۋە ئۇرۇقى دورا قىلىنىدۇ؛ ئۆپكىنى ياشارتىپ، يۆتەل توختىتىش ۋە نەملىكنى چىقىرىپ زەھەرنى كېسىش رولىغا ئىگە.

ئادەت

1. ئىسىم [ئەرەبچە] ①ئۆگىنىپ قالغان ھەرىكەت؛ قىلىق: ياخشى ئادەت. يامان ئادەت، ئادەت بولۇپ قالماق.*ئادەتنىڭ دورىسى يوق. مەسچىتنىڭ مورىسى يوق (ماقال). ②ئاتا-بوۋىسىدىن قالغان ۋە كىشىلەرگە سىڭىپ كەتكەن تەرتىپ؛ قائىدە-يوسۇن، ئەنئەنە، ئۇدۇم: ئۇيغۇرلارنىڭ مېھماندوستلۇق ئادىتى ناھايىتى ئۇزۇن تارىخقا ئىگە.

2. ئىسىم <فىزىئولوگىيە> ئاياللاردا ھەر ئايدا بىر قېتىم دەۋر قىلىدىغان بالىياتقۇدا قان ھاسىل بولۇشتىن ئىبارەت فىزىئولوگىيىلىك ھادىسە (قاناش ۋاقتى ئۈچ كۈندىن يەتتە كۈنگىچە داۋاملىشىدۇ): ئادەت كۆرمەك.