«ئا» بىلەن باشلانغان ئىزاھلار

ئازادە

سۈپەت [ئەرەبچە] ①كەڭ، كەڭتاشا: ئازادە ئۆينىڭ دېرىزىسىگە قويۇلغان يوغان بىر تەشتەكتىكى ئەتىرگۈل ئاجايىپ چىرايلىق ئېچىلىپ كېتىپتۇ. ②ئەركىن، ئېچىلىپ-يېيىلىپ، بەھۇزۇر؛ خاتىرجەم:-يائاللا قىزىم،-دېدى ئۇ چىرايىغا زورلاپ كۈلكە تۈسىنى بېرىپ،-ھەپتىدە بىر كېلىدىغان يەكشەنبىدە بىزمۇ سەن بىلەن بىر داستىخاندا ئولتۇرۇپ، ئازادە مۇڭدىشىدىغان ۋاقىت بولىدىكەن .③خالىي، ئايرىم: ئۇ:-مېنىڭ سىز بىلەن ئازادىرەك سۆزلەشكۈم كېلىدۇ،-دېدى. ④خوتۇن-قىزلار ئىسمى.

ئاساس

1. ئىسىم [ئەرەبچە] ①نەرسىنىڭ ھەممە تەرەپلىرىنى تۇتۇپ ياكى كۆتۈرۈپ تۇرىدىغان قىسمى، ئۇل. ②ئىجتىمائىي ھايات ياكى تەبىئەت ھادىسىلىرىنىڭ نېگىزىنى تەشكىل قىلغان نەرسە، تايانچ، نېگىز، بازا: سوتسىيالىزمنى پەنگە ئايلاندۇرۇش ئۈچۈن، ئەڭ ئاۋۋال ئۇنى رېئال ئاساسقا قويۇش كېرەك. ③باش قائىدىلەر، ئاساسىي پرىنسىپلار: لۇغەتشۇناسلىق ئاساسلىرى. ④سادىر بولغان ياكى قىلىنغان ئىش-ھەرىكەت ۋە گەپ-سۆز قاتارلىقلارغا خىزمەت قىلىدىغان دەلىل، ئىسپات، سەۋەب: ھازىر بىرنەرسە دېيىشكە تېخى ئاساس يوق.

2. ئىسىم ⑤<ماتېماتىكا> گېئومېتىرىيىلىك شەكىلنىڭ، چېرتيوژنىڭ ئاستى تەرىپىگە پاراللېل بولغان تەرىپى. ⑥<ماتېماتىكا> دەرىجىگە كۆتۈرۈلىدىغان ئەسلىدىكى سان. ⑦<خىمىيە> كىسلاتالار بىلەن ئۆزئارا بىرىكىپ، تۇز ھاسىل قىلىدىغان بىرىكمە يەنى گىدروكسىل گۇرۇپپىسى بولغان بىرىكمىلەرنىڭ ئومۇمىي نامى.

ئاستروبىئولوگىيە

ئىسىم [گرېكچە] <ئاسترونومىيە> ئاسترونومىيىنىڭ بىر تارمىقى. ئۇ ئاسمان جىسىملىرىدا جانلىقلارنىڭ مەۋجۇت بولۇش شارائىتىنى تەتقىق قىلىپ، مەلۇم ئاسمان جىسمىدا جانلىقلارنىڭ مەۋجۇت ياكى مەۋجۇت ئەمەسلىكىنى بېكىتىدۇ، شۇنداقلا شۇ خىل جانلىقلارنىڭ ھالىتىنى تەتقىق قىلىدۇ.

ئاسفالت

ئىسىم [رۇسچە<گرېكچە] <خىمىيە> ئورگانىك بىرىكمىلەرنىڭ ئارىلاشمىسى، قارا رەڭلىك ياكى قوڭۇر رەڭلىك ۋە يېلىمسىمان بولىدۇ؛ تەبىئىي چىقىدىغانلىرى ھەم نېفىت ياكى كۆمۈر مېيىنى دىستىللەش ئارقىلىق ئېلىنىدىغانلىرى بولىدۇ؛ تەركىبى ئوخشاپ كەتمەيدۇ، يول ياساشتا يولغا ياتقۇزۇلىدۇ؛ بىناكارلىقتا سۇدىن ھىمايە قىلىش ماتېرىيالى قىلىنىدۇ.