«ئا» بىلەن باشلانغان ئىزاھلار

ئادرېس

ئىسىم [رۇسچە<فرانسۇزچە>] ①بىرەر كىشى ياكى تەشكىلات تۇرىدىغان جاينىڭ تەپسىلىي نامى: مەن شۇ چاغدا ئادرېسىمنى توغرا ئېيتىپ بەرگەن بولسام، ئىخلاس بۈۋى مېنى، ھېچ بولمىسا، ئانامنى ئىزدەپ تاپقان بولارئىكەن. ②پوچتا ئارقىلىق ئەۋەتىلىدىغان نەرسىلەرنىڭ ئۈستىدىكى شۇ نەرسىنى تاپشۇرۇۋالغۇچىنىڭ تۇرىدىغان جايى يېزىلغان يېزىق: خەت يازسىڭىز تۆۋەندىكى ئادرېسقا ئەۋەتىڭ.

ئادەمگىياھ

ئىسىم [ ئادەم+گىياھ] <بوتانىكا> تىكەنلىك شەيتان دەرىخى ئائىلىسىدىكى كۆپ يىللىق، سامان غوللۇق ئۆسۈملۈك. ئوق يىلتىزى توم، گۆشلۈك ۋە ئاق سېرىق كېلىدۇ؛ يوپۇرمىقى ئالىقانسىمان مۇرەككەپ يوپۇرماق، كىچىك يوپۇرمىقى تۇخۇم شەكلىدە، گۈلى كىچىك، سۇس يېشىل رەڭدە ئېچىلىدۇ؛ مېۋىسى ياپىلاق ۋە چەمبەر شەكلىدە بولىدۇ؛ يىلتىزى ۋە يوپۇرماقلىرى دورا قىلىنىدۇ، بەدەننى قۇۋۋەتلەندۈرۈش رولىغا ئىگە.