«ئا» بىلەن باشلانغان ئىزاھلار

ئاممىبابلاشماق

پېئىل. ئاممىغا لايىقلاشماق، ئاممىغا مۇۋاپىق كېلىدىغان، ئامما چۈشىنەلەيدىغان دەرىجىگە كەلمەك: ماقالە ھەتتا دېھقانلار ئوقۇسا چۈشىنەلەيدىغان دەرىجىدە ئاممىبابلاشقان تىل بويىچە يېزىلىشى كېرەك.

ئايدىڭ

سۈپەت ①ئاي نۇرى بىلەن يورۇغان، يورۇق: ئايدىڭ كېچە. *ئاينىڭ ئون بەشى ئايدىڭ، ئون بەشى قاراڭغۇ (ماقال). ②كۆچمە مەنىدىكى سۆز. روشەن، چۈشىنىشلىك: ھەممە نەرسە ئايدىڭ بولدى، بۇنداق بېشەم خوتۇنغا نېمە دېگىلى بولىدۇ؟

ئايلانما

سۈپەت ①ئۆز ئوقىدا، بىرەر دائىرە ئىچىدە ياكى بىرەر نەرسىنى بويلاپ ھەرىكەت قىلىدىغان، ئايلىنىدىغان، پىرقىرايدىغان: ئايلانما ئورۇندۇق. ئايلانما ھەرىكەت. ئايلانما غالتەك. ②ئايلاندۇرۇپ ياسالغان ياكى ياي شەكلىدە ئورۇنلاشقان، يايسىمان: ئايلانما يول. ئايلانما پەلەمپەي. ③يۈرۈشۈپ تۇرىدىغان، ئوبوروت بولىدىغان: ئايلانما كاپىتال.