«ئا» بىلەن باشلانغان ئىزاھلار

ئابدىمىلىك

ئىسىم [ئەرەبچە] <بوتانىكا> سۈتلۈك ئوت ئائىلىسىگە كىرىدىغان بىر يىللىق ياكى كۆپ يىللىق شادا غوللۇق ئۆسۈملۈك، يوپۇرمىقى چوڭ ۋە ئالقانسىمان يېرىلىدۇ، كونۇسسىمان گۈل رېتىدە چىچەكلەيدۇ. «ئىنەكپىتى» مۇ دېيىلىدۇ.

ئابۇنىچى

ئىسىم. تېلېفون، سىملىق تېلېۋىزىيە، گېزىت، ژۇرنال ۋە شۇنىڭغا ئوخشاشلارغا ئالدىن ھەق تۆلەپ ئىشلەتكۈچى شەخس؛ تەشكىلات: بۇ ژۇرنال ئۈچىنچى سانغا كەلگەندە ئىككى-ئۈچ يۈز ئابۇنىچىغا ئىگە بولىدۇ.

ئاپتۇۋا

ئىسىم [پارسچە] ①يۈز، پۇت-قول يۇيۇش ئۈچۈن ئىشلىتىلىدىغان، ئۇزۇن ۋە ئىنچىكە جۈمەكلىك، بوغۇزى تار، مىس ۋە تۇچ قاتارلىقلاردىن ياسالغان بۇيۇم. ②ئاپتۇۋا ۋە چىلاپچا قاتارلىق قولغا سۇ بېرىدىغان ئائىلە سەرەمجانلىرى.

ئاتالغۇ

1. ئىسىم. بىرەر ساھەدە، مەلۇم بىرنەرسىنىڭ نامىنى بىلدۈرۈپ كېلىدىغان ئىسىم ياكى ئىسىم خاراكتېرلىك سۆز ۋە ياكى سۆز بىرىكمىسى: ماتېماتىكا ئاتالغۇلىرى. خىمىيە ئاتالغۇلىرى.

2. ئىسىم. دىئالېكت سۆز. ئات تۇتۇشقا ئىشلىتىدىغان ئارغامچا؛ سالما.

ئاتكوس

ئىسىم [رۇسچە] <سۇ ئىشلىرى> ①ئېگىزلىك دەرىجىسى بارا-بارا تۆۋەنلىگەن يانتۇ يۈز: ئاتكوس تاپىنى. ئاتكوس چوققىسى.*بۇ يەردە ئىشلەۋاتقان 200 دەك كىشى قارا تەرگە چۆمۈلۈپ تۈزلەش، خاڭداش، ئاتكوس چىقىرىش ئىشىنى ئىشلەۋاتاتتى. ②يانتۇ يۈزنىڭ باشلىنىش ۋە ئاخىرلىشىش نۇقتىسى ئوتتۇرىسىدىكى ئېگىزلىك پەرقىنىڭ گورىزونتال ئارىلىققا بولغان نىسبىتى.

ئاتماق

1. پېئىل ①قولدىكى نەرسىنى شىلتىپ يىراققا ياكى مۆلچەرلەنگەن يەرگە تاشلىماق؛ ئىرغىتماق: توپقا قاراپ تاش ئاتما (ماقال).*تاش ئاتقانغا قاش ئات (ماقال). ②شىددەت بىلەن بىرەر يەرگە تاشلانماق: ئېسەدەپ يىغلاۋاتقان مەريەم «ئاكا» دېگىنىچە زاكىرجاننىڭ باغرىغا ئۆزىنى ئاتتى.*ئۇنىڭ ئاتقان مۇشتى تەگمىدى .③كۆچمە. چىقارماق، يايماق، ئېچىلماق: چېچەك ئاتماق. ④تىتماق، پارچىلىماق: پاختا ئاتماق. يۇڭ ئاتماق.*ئالتا ئاي ئاتقان پاختام بىر چاپانغا يەتمەپتۇ (ماقال). ⑤پارتلاتماق: تاغ ئاتماق. پوجاڭزا ئاتماق. ⑥كۈچ بىلەن ئىتتىرىپ چىقارماق، ئۆرلىمەك: قادىر دولقۇنلار ئۈستىگە دولقۇنلار ئېتىپ ئېقىۋاتقان دەريا بويىغا قاراپ ماڭدى . 2. ⑦بىرەر قورال ۋاسىتىسى ئارقىلىق ئوق ۋە شۇنىڭغا ئوخشاش نەرسىلەرنى چىقارماق، ئۈزمەك: ئاتالمىغاننىڭ ئوقى ئالتا غۇلاچ كېتەر (ماقال). ⑧بىرەر قورال ۋاسىتىسى ئارقىلىق يارىلاندۇرماق ،ئۆلتۈرمەك: ئاتىسى ئاتمىغان قوڭغۇزنى، بالىسى ئېتىپتۇ توڭگۇزنى (ماقال).*دادامنى ئۇلار ئېتىۋەتكەن. ⑨مىدىرلاتماق،...

داۋامىنى ئوقۇڭ!

ئاجايىپخانا

ئىسىم [ئەرەبچە+پارسچە] ھەر خىل ھايۋانلار، بولۇپمۇ تەتقىقات قىممىتى يۇقىرى بولغان، بەزىبىر ئاز ئۇچرايدىغان ھايۋانلارنى بېقىپ، كىشىلەرنىڭ ئېكسكۇرسىيە قىلىشى ئۈچۈن تەييارلانغان ئورۇن.