«ئا» بىلەن باشلانغان ئىزاھلار

ئاسار-تۆرە

ئۇرۇق-تۇغقان، قوشنا-قولۇم، مەھەللە-جامائەت ئۆز ئىختىيارى بىلەن ئۇيۇشۇپ، بىرەر كىشىنىڭ توي-تۆكۈن، ئۆلۈم-يېتىم، نەزىر-چىراغ، ئۆي-جاي سېلىش، دېھقانچىلىق قاتارلىق ئۆزى يېتىشىپ بولالمايدىغان ئىشلىرىغا ياردەملىشىپ بېرىدىغان ئىجتىمائىي ھەمكارلىق ھەرىكەت.

ئاسان

سۈپەت [پارسچە] ئىشلىنىشى، ئورۇندىلىشى جەھەتتىن ئانچە قىيىن، مۇرەككەپ بولمىغان ھەم ئانچە كۆپ مېھنەت، كۈچ ۋە بىلىم تەلەپ قىلمايدىغان؛ بوش، يەڭگىل: ئىشنىڭ ئاسىنى، يوق، قىلالىساڭ قىيىنى يوق (ماقال).

ئاشماق

1. پېئىل ①مىقدار ياكى ھەجىم جەھەتتىن كۆپەيمەك: ئۆسمەك، ئارتماق: ئۇنىڭ شەخسىي چارۋىسى 100 تۇياقتىن ئېشىپ كەتتى. ②مەلۇم بىر پەيت، ۋاقىت چېكىدىن ئۆتۈپ كەتمەك: ۋاقىت يېرىم كېچىدىن ئېشىپ كەتتى. ③مال باھاسى ئۆسمەك، نەرخقە نەرخ قوشۇلماق: ئۇنىڭ باھاسى ئەسلىي باھاسىدىن 70 يۈەن ئېشىپ كەتتى. ④كۈچەيمەك، زورايماق: ھەۋىسى ئاشتى. غېمىم ئاشتى. غەيرىتى ئاشتى.

2. ⑤تاكامۇللاشماق، مۇستەمكەملەنمەك، ياخشىلانماق؛ يۇقىرى كۆتۈرۈلمەك: ئۇنىڭ لاۋازىمات خىزمىتىگە بولغان ئىشتىياقى ئاشاتتى. ⑥بىرەر جەھەتتىن ياكى بىرەر ساھەدە باشقىلاردىن ئۆتۈپ كەتمەك، باشقىلارنى ئارقىدا قالدۇرماق: يېزىمىزنىڭ چارۋا مەھسۇلاتى قوشنا يېزىلارغا سېلىشتۇرغاندا كۆپ ئېشىپ كەتتى. ⑦مەلۇم بىر توساق، چېگرا ياكى نىشانلانغان جايدىن ھالقىماق: داۋاندىن ئاشماق. *يالغۇز قىر ئاشقۇچە، كۆپ داۋان ئاشار (ماقال).