«ب» بىلەن باشلانغان ئىزاھلار

بوغماق

①پېئىل. قاتتىق يىغىپ سىقماق؛ سىقىپ باغلىماق: گېلىنى بوغماق. ②پېئىل. مەلۇم ئارىلىقنى بىرەر توساق بىلەن تۇتاشتۇرۇپ توسماق: دەريانى بوغماق. يول ئېغىزىنى بوغماق. ③پېئىل. كۆچمە مەنىدىكى سۆز. توسقۇنلۇق قىلماق، ئۆسۈش، راۋاجلىنىش يولىنى توسماق: ئۇ ئارۇپنىڭ ئاكتىپ، ئىلغار تەشەببۇسلىرىنى بوغۇپ، ياش كۈچلەرگە ھەدەپ زەربە بېرىۋاتقانلىقىغا چىدىيالمىدى. ④پېئىل. گېلىدىن چىشلەپ ئۆلتۈرمەك:-بىچارىنى بىر نېمە بوغۇپ قويۇپتۇ-دە،-دېدى ئايۇپ ئاكام. ⑤پېئىل. خۇلاسىلىماق: ھېسابنى بوغماق. ⑥سۈپەت. باغلاپ، تېڭىپ قويۇلغان: ئاز پۇل ئەمەس-تە، تاراقلاپ تۇرىدىغان، ساپمۇساق تۆت بوغماق دەڭلا! ⑦سۈپەت. بوغۇم-بوغۇم قىلىنغان: بوغماق ئۆلچەم خادىسى. بوغماق ئۈچەي. بوغماق يىلان. ⑧دىئالېكت. ئىسىم. قىلتاق. ⑨سۈپەت. سېمىز، دوغىلاق.

بويۇن، بوينى

ئىسىم ①ئادەم ۋە ھايۋان گەۋدىسىنىڭ باش بىلەن تەننى بىرىكتۈرگۈچى قىسمى. ②قاپاق، چۆگۈن قاتارلىقلارنىڭ بېشى بىلەن قورسىقى ئارىلىقىدىكى ئىنچىكە قىسمى: ئاپتۇۋىنىڭ بوينى. قاپاقنىڭ بوينى. ③كۆچمە مەنىدىكى سۆز. ئۈست، زىممە: ئەھمەد ساۋابلىق ئۈچۈن توختىنىڭ بوينىدىكى قەرزنى ئېلىپ تاشلىۋەتتى. بويۇن تولغىماق باش تارتماق، نارازىلىق قىلماق.