«ب» بىلەن باشلانغان ئىزاھلار

بەل

ئىسىم ①<ئاناتومىيە> ئارقا ئومۇرتقىنىڭ تۆۋەنكى قىسمى؛ گەۋدىنىڭ كۆكرەك قاپقىسى بىلەن داس سۆڭەك ئۈستىدىكى ئارىلىقى. ②بىرەر نەرسىنىڭ ئوتتۇرا قىسمى، تەڭ ئوتتۇرىدىن بۆلۈنگەن جايى: ياغاچنىڭ بېلىدىن كەسمەك. ③كۆچمە مەنىدىكى سۆز. جىسمانىي ياكى ماددىي كۈچ: بېلى بوش. ④ئېگەرسىمان تۆپىلىكنىڭ پەسەيگەن جايى: ماشىنا كىچىك بىر بەلدىن ئېشىپ ئۆتتى. ⑤ئىسىم. ئەنجان تېمى سېلىشتا تامغا لاي ئېتىپ بېرىشكە ئىشلىتىدىغان ئوزۇن ياغاچ ساپلىق تۆمۈر سايمان، يۈزى ئادەمنىڭ ئىككى ئالىقىنىدەك چوڭلۇقتا بولىدۇ.

بابۇنە

ئىسىم [پارسچە] <بوتانىكا> مۇرەككەپ گۈللۈكلەر ئائىلىسىگە تەۋە كۆپ يىللىق، سامان غوللۇق ئۆسۈملۈك. خۇشبۇي پۇرايدۇ؛ گۈلى تېبابەتچىلىكتە دورا قىلىنىدۇ، ئىچىنى يۇمشىتىش، يەلنى تارقىتىش، مېڭە ۋە پەينى قۇۋۋەتلەندۈرۈش، سۈيدۈك، ھەيزلەرنى ماڭدۇرۇش، سۈت كۆپەيتىش قاتارلىق روللىرى بار. تۆۋەندىكى ئۇچۇرلار «ئىزدە قامۇسى» ئارخىپلىرىدىن ئېلىندى: ئىسىم [پارسچە] <بوتانىكا> بابۇنەنىڭ گۈلى ۋە پۈتۈن چۆپىدىن ئىبارەت. ئـەسـلى ئـۆسۈمـلـۈكـى بابـۇنە (Matricaria Chamomilla) دىـن ئـىـبـارەت. بۇ ئۆسۈملۈكنىڭ گۈلى «گۈلى بابونە» نامىدا، يىلتىزى «بىخ بابۇنە» نامىدا دورىغا ئىشلىتىلىدۇ. خۇسۇسىيىتى غەيرى تەبىئىي بەلغەم خىلىتنى پىشۇرۇش، ئىششىق قايتۇرۇش، يەل ھەيدەش، ياللۇغ قايتۇرۇش، توسالغۇلارنى ئېچىش ئاشقازان مېڭە، پەيلەرنى قۇۋۋەتلەش، سۈيدۈك ۋە ھېيىزنى راۋان قىلىش، ئاغرىق پەسەيتىش قاتارلىق خۇسۇسىيىتى بار. ۋەكىل خاراكتېرلىك پىششىق دورا ياسالمىسى جاۋارىش بابۇنە، بابۇنە يېغى ، ماددىتۇل ھايات. ئۈنۈملۈك تەركىبى پۈتۈن ئۆسۈملۈك ۋە گۈلى تەركىبىدە ئۇچۇچان ماي بار....

داۋامىنى ئوقۇڭ!