«ب» بىلەن باشلانغان ئىزاھلار

بابۇنە

ئىسىم [پارسچە] <بوتانىكا> مۇرەككەپ گۈللۈكلەر ئائىلىسىگە تەۋە كۆپ يىللىق، سامان غوللۇق ئۆسۈملۈك. خۇشبۇي پۇرايدۇ؛ گۈلى تېبابەتچىلىكتە دورا قىلىنىدۇ، ئىچىنى يۇمشىتىش، يەلنى تارقىتىش، مېڭە ۋە پەينى قۇۋۋەتلەندۈرۈش، سۈيدۈك، ھەيزلەرنى ماڭدۇرۇش، سۈت كۆپەيتىش قاتارلىق روللىرى بار. تۆۋەندىكى ئۇچۇرلار «ئىزدە قامۇسى» ئارخىپلىرىدىن ئېلىندى: ئىسىم [پارسچە] <بوتانىكا> بابۇنەنىڭ گۈلى ۋە پۈتۈن چۆپىدىن ئىبارەت. ئـەسـلى ئـۆسۈمـلـۈكـى بابـۇنە (Matricaria Chamomilla) دىـن ئـىـبـارەت. بۇ ئۆسۈملۈكنىڭ گۈلى «گۈلى بابونە» نامىدا، يىلتىزى «بىخ بابۇنە» نامىدا دورىغا ئىشلىتىلىدۇ. خۇسۇسىيىتى غەيرى تەبىئىي بەلغەم خىلىتنى پىشۇرۇش، ئىششىق قايتۇرۇش، يەل ھەيدەش، ياللۇغ قايتۇرۇش، توسالغۇلارنى ئېچىش ئاشقازان مېڭە، پەيلەرنى قۇۋۋەتلەش، سۈيدۈك ۋە ھېيىزنى راۋان قىلىش، ئاغرىق پەسەيتىش قاتارلىق خۇسۇسىيىتى بار. ۋەكىل خاراكتېرلىك پىششىق دورا ياسالمىسى جاۋارىش بابۇنە، بابۇنە يېغى ، ماددىتۇل ھايات. ئۈنۈملۈك تەركىبى پۈتۈن ئۆسۈملۈك ۋە گۈلى تەركىبىدە ئۇچۇچان ماي بار....

داۋامىنى ئوقۇڭ!

بازىمەن

ئىسىم [خەنزۇچە] لەڭمەن خېمىرىنى سوزۇشنىڭ بىر خىلى، پۈتۈن خېمىر ئىككى بۆلەككە بۆلۈنۈپ، ھەربىر بۆلەك ئايرىم-ئايرىم بىر قېتىم ئوڭ، بىر قېتىم تەتۈر ئېشىلىدۇ؛ توم-ئىنچىكىلىكى بىردەك تەكشى ھالغا كەلگەندە، ئىككى بېشىدىن تۇتۇپ غۇلاچلاپ سوزۇلىدۇ؛ ئاخىرىدا ئىككى بېشىدىكى توم خېمىر كېسىۋېتىلىپ قايناۋاتقان سۇغا سېلىپ پىشۇرۇلىدۇ.

باسقۇچلۇقلۇق

ئىسىم. قەدەم باسقۇچلارغا بۆلۈنگەن، باسقۇچلىرى بار ھالەت، جەريان: زىددىيەتلەرنىڭ بەزىلىرى كەسكىنلىشىدۇ، يەنە بەزىلىرى يېڭى تۇغۇلغان بولىدۇ، شۇنىڭ ئۈچۈن جەريان ئۆزىنىڭ باسقۇچلۇقلۇقىنى كۆرسىتىدۇ.