«ب» بىلەن باشلانغان ئىزاھلار

باغلىماق

پېئىل. ①باغ، تۈگۈن سېلىپ ئۇلىماق ؛چىگمەك: بەتىنكىنىڭ بوغقۇچىنى باغلىماق. ②ئارغامچا، باغلىق، بوغقۇچ قاتارلىق نەرسىلەر بىلەن بىرەر نەرسىنى قىمىرلىيالمايدىغان قىلىپ تاڭماق: بوينىنى باغلىغان ئىت ئوۋغا يارىماس (ماقال).*تىلسىز ئادەمنى باغلىغىچە ئىزا تارتساڭچۇ! مانا مەندەك ئادەمنى باغلاڭلار. ③ئورناتماق، تۇرغۇزماق، تىكلىمەك: مۇھەببەت باغلىماق. ④مۇناسىۋەتلەشتۈرمەك، يېقىنلاشتۇرماق، چېتىشتۇرماق: مەسىلىلەرنى بىر-بىرىگە باغلاپ قاراش كېرەك. ⑤قونماق، قاپلىماق: شىرنە باغلىماق. ⑥ياسىماق: سۇپا باغلىماق. ⑦ئەسىر قىلماق، مەپتۇن قىلماق، ئۆزىگە قارىتىۋالماق:-چىرايلىق يۈزۈڭ بىلەن مېنى ئۆزۈڭگە باغلىدىڭ. ⑧ئەتمەك، ياپماق، توسىماق، تاڭماق: جاللات كېلىپ ئۇنىڭ كۆزلىرىنى باغلاپتۇ. ⑨توسماق، تۇتماق، باشلىماق: سۇ باغلىماق.

بالا-چاقا

①بىر ئائىلىدىكى چوڭ-كىچىك، قىز-ئوغۇل بالىلار: يۈسۈپ توختى:-ئاتا-ئانا بىلەن بالا-چاقا ئوتتۇرىسىدا مەڭگۈلۈك ۋاپادارلىق بولۇشى كېرەك،-دەيتتى. ②ئائىلە ئەزالىرى؛ خوتۇن ۋە بالىلار: ئايىمخان ئاچا:-ساۋۇت، مە، بالا-چاقاڭدىن خەت كەپتۇ،-دەپ يانچۇقىدىن بىر پارچە خەتنى ئېلىپ ئۇنىڭغا سۇندى.