«ب» بىلەن باشلانغان ئىزاھلار

بۇرما

①ئىسىم. ياغاچ ياكى قاتتىق نەرسىلەرگە تۆشۈك ئېچىشقا ئىشلىتىلىدىغان تۆمۈر ئەسۋاب؛ ئۈشكە: بۇرما بىلەن تۆشۈك تەشمەك. ②ئىسىم. دېتاللارنىڭ تاشقى ياكى ئىچكى يۈزىگە ئايلاندۇرۇپ چىقىرىلغان ئورام شەكىللىك چىش، رېزبا: بۇرما چىقارماق. ③سۈپەت. ئايلانما ھالەتتە يۇقىرى كۆتۈرۈلىدىغان ياكى ئىلگىرىلەيدىغان: بۇرما شەكىلدىكى ھەرىكەت. ④سۈپەت. بۇراپ كىرگۈزۈلىدىغان: بۇرما مىخ.

بۇزۇق

سۈپەت ①بۇزۇلۇپ ئىشلىمەيدىغان ھالغا كەلگەن، ئىشتىن چىققان: بۇزۇق تراكتور. ②ئەخلاقىي پەزىلىتى ناچار، ئەخلاقسىز: بۇزۇق ئايال. ③نىيىتى يامان؛ نىيىتىنى، پەيلىنى بۇزغان؛ يامان نىيەتكە كەلگەن: بىز بۇزۇق ئادەملەرنى قەتئىي جازالايمىز.