«ب» بىلەن باشلانغان ئىزاھلار

بىنەزەر

[پارسچە+ئەرەبچە] ①سۈپەت. نەزەرگە ئالغۇسىز، نەزەر سالغۇسىز، ئەرزىمەس: ئادەم مەيلى ئالىيجاناب، ئۇلۇغ بولسۇن، ياكى يارىماس بىنەزەر بولسۇن، ھامان بىركۈنى قارا توپىغا كۆمۈلۈپ كېتىدىكەن. ②رەۋىش. نەزەر سالماستىن، پەرۋاسىز: ھېلىقى كىشى گىدىيىپ؛ بىنەزەر ئۆتۈپ كەتتى.

بىۋاك

سۈپەت [پارسچە] گەپكە كىرمەيدىغان، ھېيىقمايدىغان، كەپسىز: ئاتا-ئانىسىنى جېنىدىن جاق تويدۇرغان بىۋاك، كەپسىز بالىمۇ ئايشەم مۇئەللىمنىڭ قولىدا يىكتەك تۈزىلىپ، ئەقىللىق، ئەدەپلىك بولۇپ ئۆزگىرىدۇ.

بۆلمەك

پېئىل ①بۆلەكلەرگە ئاجراتماق، پارچىلىماق، بۆلەك-بۆلەك قىلماق: ناننى ئىككىگە بۆلمەك. قەغەزنى بۆلمەك. ئەسەرنى بابلارغا بۆلمەك. <②مات> بۆلۈش ئەمىلىنى بېجىرمەك: چوڭ ساننى كىچىك سانغا بۆلمەك. ③تەقسىم قىلماق، ئۆلەشمەك: مىراسنى بۆلمەك. پايدىنى بۆلمەك. ④گەپ-سۆز، سۆھبەت، خىيال، ئوي-پىكىر قاتارلىقلارنى ئۈزمەك، توختىتىپ قويماق ياكى ئۇنىڭغا تەسىر يەتكۈزمەك: ئەكبەر تەرىنى تۈرۈپ، دوستىنىڭ سۆزىنى كەسكىن بولدى.

بۆلەكچە

①سۈپەت. باشقىچە؛ غەيرىي: بۆلەكچە ئادەم. بۆلەكچە مىجەز. ②رەۋىش. ئادەتتىن تاشقىرى، پەۋقۇلئاددە: پېشايۋاننىڭ بارلىق ئۈسكۈنىلىرى پۈتۈنلەي چىنار ۋە ياڭاق ياغاچلىرىدىن ئىشلەنگەنلىكتىن بۆلەكچە كۆركەم، سىپتا ۋە ئالاھىدە بولۇپ كۆزگە چۈشەتتى.