«ب» بىلەن باشلانغان ئىزاھلار

بىلەن

باغلىغۇچى ①ئىككى جۈملە ياكى جۈملە بۆلەكلىرىنى تەڭداش مۇناسىۋەتتە باغلاپ كېلىدۇ: مەن ئادىل بىلەن مۇختەرنى بازاردا ئۇچراتتىم. ②«غان، قان،-گەن،-كەن» بىلەن ئاخىرلاشقان سۈپەتداشتىن كېيىن كېلىپ، مەنە جەھەتتىن قارشى بولغان ئەگەشمە جۈملە بىلەن باش جۈملىنى باغلاش ئۈچۈن خىزمەت قىلىدۇ: مەن بۇ شەھەرگە كەلمىگەن بىلەن، باشقا جايلارغا بارغانمەن. ③ئىش-ھەرىكەتنىڭ ۋاسىتىسىنى بىلدۈرىدۇ: قولى بىلەن ئېلىپ، پۇتى بىلەن بېرىپتۇ (ماقال). ④ئابستراكت مەنىدىكى ئىسىملار بىلەن بىرىكىپ، ئىش-ھەرىكەتنىڭ قانداق روھىي ھالەتتە ئورۇنلىنىشىنى بىلدۈرىدۇ: ئۇلار بىزنى خۇشاللىق بىلەن قارشى ئالدى. ⑤ۋاقىت مەنىسىدىكى سۆزلەر بىلەن كېلىپ، ئىش-ھەرىكەتنىڭ قاچان سادىر بولغانلىقىنى، قانچە ۋاقىت داۋاملاشقانلىقىنى بىلدۈرىدۇ: ئۇلار قەشقەرگە تاڭ سەھەر بىلەن يېتىپ كەلگەنىدى. ⑥ئورۇن، جاينى بىلدۈرىدىغان ئىسىملاردىن كېيىن كېلىپ، ئىش-ھەرىكەتنىڭ شۇ جاينى بويلاپ يۆنەلگەنلىكىنى بىلدۈرىدۇ: مەن بازار بىلەن كەلدىم. ⑦«بىللە»، «بىرلىكتە» رەۋىشلىرى...

داۋامىنى ئوقۇڭ!

بۆلۈنمە

①سۈپەت. پارچىلانغان، ئايرىلغان؛ پارچە، ئايرىم: بۇ ئىككى مىللەت شۇ ۋاقىتقىچە بۆلۈنمە ھالەتتە تۇرغانىدى. ②ئىسىم <ماتېماتىكا> بۆلۈشتىن كېلىپ چىققان نەتىجە :سەككىزنى تۆتكە بۆلسەك بۆلۈنمە ئىككى بولىدۇ. ③ئىسىم <لوگىكا> بۆلۈنگۈچى جىنس ئۇقۇم بۆلۈنگەندىن كېيىن كېلىپ چىققان بىرقانچە تۈر ئۇقۇم.