«ب» بىلەن باشلانغان ئىزاھلار

بېسىقلىق

سۈپەت ①ئۈستى-ئۈستىگە ئېلىپ قويۇلغان، بېسىلغان، قاچىلانغان: ئاشلىق بېسىقلىق ھارۋا. ②مەتبەئەدىن چىققان، نەشر قىلىنغان: شۈجى چوڭ قىزىل خەت بېسىقلىق بىرنەچچە بەت ماتېرىيالنى يانچۇقىدىن چىقاردى.

بېقىندىلىق

①ئىسىم. بېقىندى ھالەت: ھەرقانداق بىر يېڭى كەشپىيات بېقىندىلىقنىڭ بۈگۈنگە قەدەر تېخى بايقالمىغان قالدۇقىنى كۆرسىتىپ كەلدى. ②سۈپەت. بېقىندى ئورۇندا تۇرىدىغان، بېقىندى ھالەتتىكى: بېقىندىلىق مۇناسىۋەت. بېقىندىلىق ھالەت.