«ئە» بىلەن باشلانغان ئىزاھلار

ئەتلەنمەك

پېئىل ①گۆش قوشۇلماق، ئەت قونماق؛ سەمرىمەك: ئۈچ ئايدىن بۇيان كېسەل تارتقان بوۋامنىڭ كېسەلدىن ساقىيىپ، چىرايىنىڭ ئەتلىنىپ قالغانلىقىنى كۆرۈپ، ئىختىيارسىز كۆزۈمدىن ياش كەتتى. ②كۆچمە مەنىلىك سۆز. ھال-ئەھۋالى، تۇرمۇشى، كۈنى ياخشىلانماق، ھاللانماق، بېيىماق: بۇ يىل غەيرەت قىلىپ ئىشلىسەك ئەتلىنىۋالىمىز، كېلەر يىلى ئېشىنىۋالساق، يەنە بىر يىلى بېيىپ قالمايمىزمۇ؟

ئەتىۋار

[ئەرەبچە] ①ئىسىم. ئامما ئارىسىدا قازانغان نام، ئابرۇي، ئىشەنچ، نوپۇز، ئىناۋەت، ھۆرمەت: ئاق ساراي بولغان بىلەن، زەدىۋالى يوق ئىكەن. ئالدىراپ بەرگەن كۆڭۈلنىڭ ئەتىۋارى يوق ئىكەن. ②سۈپەت. يۇقىرى باھالىق، قىممەت، ئاز ئۇچرايدىغان، ئېسىل، قىممەتلىك: بۇ تاش دۇنيادىكى يەتمىش ئىككى خىل ئەتىۋار دورىلارنىڭ زەررىلىرىدىن ياسالغان. ③سۈپەت. ئەزىز، ئەركە: كىچىكىدە ئەتىۋار بولۇپ ئۆسكەن ساۋۇتجاننىڭ مەسۇم قەلبىگە بۇ دەشنەملەر نەشتەر بولۇپ سانجىلىپ، يېگىنى گېلىدا قالاتتى.

ئەجدىھائوتى

ئىسىم [ئەجدىھا+ئوتى] <بوتانىكا> باشاقلىقلار ئائىلىسىگە كىرىدىغان كۆپ يىللىق سامان غوللۇق ئۆسۈملۈك. ئۇنىڭ غولى ۋە يوپۇرماقلىرىدىن يامغۇرلۇق، ئارغامچا ۋە قەغەز قاتارلىقلارنى ياسىغىلى بولىدۇ.

ئەدەبىي

سۈپەت [ئەرەبچە] بەدىئىي ئەدەبىياتقا، يېزىقچىلىق ئىشلىرىغا، يازغۇچى، ئەدىبلەرگ دائىر، ئائىت؛ ئەدەبىيات تەلەپلىرىگە جاۋاب بېرىدىغان: ئەدەبىي ئەسەر. ھازىرقى زامان ئۇيغۇر ئەدەبىي تىلىنىڭ ئىملا قائىدىلىرى كەڭ جامائەتچىلىك بىلەن يۈز كۆرۈشتى.

ئەر-خوتۇنلۇق

ئەر بىلەن خوتۇن ئارىسىدا بولىدىغان، ئەر بىلەن خوتۇنغا خاس: ئۇنىڭ بىلەن بىر تۇغقان ئاچا-ئۇكا بولۇپ كېتىشىمىز مۇمكىنىدى. ئەمما دادام بىزنى ئەر-خوتۇنلۇق مۇناسىۋىتى تەرەپكە تارتماقچى بولدى.

ئەركان

ئىسىم [ئەرەبچە] <يېزىق تىلى> ①ئۇلۇغ مەرتىۋە ئىگىسى، كاتتا ئەمەلدار، مەنسەپدار، ئەرباب: شەھەر تەرەپتىن بىر توپ ئوردا ئەركانلىرى ئاتلارغا مىنىپ ھەيۋەت بىلەن چىقىپ كەلدى. ②دىنىي قائىدە-مىزان، تەرتىپنىڭ ئەڭ مۇھىم قىسمى، ئەڭ ئاساسلىق تەرىپى: ئەگەر بىر كىشى ئۆزىنى پەرىشتە، خىزىر قىلىپ كۆرسىتىپ، ئالدامچىلىق قىلسا، بۇ ھۆكۈمەت سىياسىتىگىمۇ، دىنىمىزنىڭ ئەركانلىرىغىمۇ توغرا ئەمەس.