«ئە» بىلەن باشلانغان ئىزاھلار

ئەلھەمدۇلىللا

ئىملىق [ئەرەبچە] <دىن> ئاللاغا شۈكۈر، خۇداغا شۈكۈر دېگەن مەنىلەردە خاتىرجەملىنىش تۇيغۇسىنى بىلدۈرىدۇ: ئەلھەمدۇلىللا، مىڭ مەرتە شۈكۈر، لېكىن ئولتۇرسام-قوپسام ئەس-يادىم سىلىدە، تاق قوپۇپ كېلەي دېسەم ئىشلار ئۆندەرەش.

ئەنزە

ئىسىم [خەنزۇچە] <قانۇنچىلىق> جەمئىيەتتىكى تەپتىش ئورۇنلىرىنىڭ بىر تەرەپ قىلىشى ۋە دەۋا ئىشلىرى بىلەن مۇناسىۋەتلىك بولغان قانۇنغا خىلاپ ئىش-ھەرىكەت، ۋەقە، ھادىسە: ئەنزە ئاغدۇرماق. ئەنزە تۇغدۇرماق.

ئەينەك

ئىسىم [پ ①] قاتتىق ۋە چۈرۈك بولغان بىر خىل سۈزۈك جىسىم، ئۇ ئادەتتە كۋارتسلىق قۇم، ھاك تاش، ساپ ئىشقار قاتارلىقلار ئارىلاشتۇرۇلۇپ، يۇقىرى تېمپېراتۇرا ئاستىدا ئېرىتىلگەندىن كېيىن ياسىلىدۇ. ②قارشىسىدىكى نەرسىلەرنى ئەكس ئەتتۈرىدىغان ئادەتتە كىشىلەر ئۆز ئەكسىنى كۆرىدىغان، ئارقىسى سىرلانغان مەخسۇس شېشە: مەلىكە ئۇنى كۆرۈپ ئورنىدىن قوپۇپتۇ، يانچۇقىدىن ئەينەكنى ئېلىپ، ئاۋۋال ئەينەكنىڭ ئالدىنى، كېيىن ئارقىسىنى كۆرسىتىپتۇ. ③يىراقتىكى نەرسىلەرنى يېقىنلاشتۇرۇپ كۆرسىتىدىغان، كىچىك نەرسىلەرنى چوڭايتىپ كۆرسىتىدىغان، كۆزىنىڭ كۆرۈش ئىقتىدارىنى ئاشۇرۇپ بېرىدىغان مەخسۇس شېشە ئەسۋاب: بۈگۈنكى ئالىملار ئاسماننى تەكشۈرۈش ئۈچۈن ئاسترونومىيە ئەينىكى ئىجاد قىلدى. ④كۆچمە مەنىلىك سۆز. بىرەر ھالەتنى، ھادىسىنى كۆز ئالدىدا ئەكس ئەتتۈرۈپ ياكى يورۇتۇپ تۇرغان نەرسە؛ ئۈلگە، نەمۇنە: تۇرغۇن ھەقىقەتەن قەيسەر جەڭچى. ئۇنىڭ پەزىلىتى مەن ئۈچۈن ئەينەك. ⑤كۆزگە تاقايدىغان ئەينەك (كۆزەينەك): ئۇ ئەينەكسىز...

داۋامىنى ئوقۇڭ!