«ئە» بىلەن باشلانغان ئىزاھلار

ئەنبەھ

ئىسىم [پارسچە<ھىندىچە] <بوتانىكا> سىر دەرىخى ئائىلىسىدىكى دائىم يېشىل تۇرىدىغان دەرەخ. يوپۇرمىقى نۆۋەتلىشىپ ئۆسىدۇ، مېۋىسى بۆرەك شەكلىدە بولىدۇ، پىشقاندا سارغىيىدۇ، ئۈچكىسى چوڭ، تالالىرى بار، مېۋە گۆشى سېرىق، يېيىشكە بولىدۇ، شىرنىلىك، تەمى مەززىلىك بولۇپ «مانگو» دەپمۇ ئاتىلىدۇ.

ئەيان

ئىسىم. [ئەرەبچە] <يېزىق تىلى> (ئە: يان) يۇقىرى مەنسەپلىك، مەرتىۋىلىك كىشىلەر؛ ئەمەلدارلار، خوجايىنلار: ماڭا ئېگىلىپ توققۇز تەزىم قىلىدىغان، ئەجرى ئۈچۈن ئىنئام-مۇكاپاتقا غەرق بولغان ئوردا ئەيانلىرىم مەندىن يۈز ئۆرىدى.

ئەھل

ئىسىم [ئەرەبچە] ①بىرەر ساھە، كەسىپ ياكى دائىرە كىشىلىرى: كەسىپ ئەھلى. بىلىم ئەھلى. ②مەلۇم بىر جايدا ياشايدىغان، توپلىشىپ ئولتۇراقلاشقان كىشىلەر، ئاھالە: يۇرت ئەھلى. شەھەر ئەھلى. ③بىرەر ئىش-ھەرىكەتكە قاتناشقۇچى، داخىل بولغۇچى كىشىلەر، جامائەت: مەجلىس ئەھلى.

ئەۋلاد، ئەۋلادى

ئىسىم [ئەرەبچە] ①بىر ئاتا-بوۋىدىن تارقالغان ئۇرۇق-جەمەت، نەسىل: باسىت بوۋاينىڭ يۈزدىن ئارتۇق نەۋرە-چەۋرىسى ئۆلۈپ كەتكەن بولسىمۇ، ئەمما ئۇنىڭ تۆت ئەۋلادى ئىككى يۈز يەتمىشتىن ئاشىدۇ. ②بىر دەۋردە ياشىغان كىشىلەرنىڭ نەسلى: بۈگۈن چۈشەنمىسە ئەتە چۈشىنىدۇ. بۈگۈنكىلەر چۈشەنمىسە، كەلگۈسىدىكى ئەۋلادلار چوقۇم چۈشىنىدۇ!… ③بىر دەۋردە تۇغۇلۇپ ئۆسكەن كىشىلەر: ياش ئەۋلاد. بىرىنچى ئەۋلاد.