«ئە» بىلەن باشلانغان ئىزاھلار

ئەتە

①رەۋىش. بۈگۈندىن كېيىنكى بىر كۈن: بۈگۈن ماڭا كەلدى، ئەتە ساڭا كېلەر(ماقال). ②ئىسىم. يېقىن ۋاقىت؛ يېقىن كەلگۈسى، كېلەچەك: ئادا بولدى گۈل ئالدىدا شەرتىمىز، كېلەر ئەمدى قەنتتىن تاتلىق ئەتىمىز.

ئەجەم

ئىملىق سۆز [ئەرەبچە] ①<يېزىق تىلى> ئەرەبلەردىن باشقا خەلقلەر، خۇسۇسەن پارسلار: كۆرمىگەن ئەرمەن-ئەجەمدە سىز كەبى باتۇرنى بىز، رۇمى، يۇنان، كوھىقاپ شەھسىۋالار ئىچىدە. ②<مۇزىكا> ئۇيغۇر كلاسسىك مۇزىكىسى «ئون ئىككى مۇقام» يەتتىنچىسىنىڭ نامى.

ئەدەس

ئىسىم [ئەرەبچە] <بوتانىكا> پۇرچاق ئائىلىسىدىكى بىر يىللىق، سامان غوللۇق ئۆسۈملۈك. پاكار ئۆسىدۇ، يوپۇرمىقى جۈپ سانلىق پەيسىمان مۇرەككەپ يوپۇرماق، كىچىك يوپۇرماقلىرى تۆت جۈپتىن يەتتە جۈپكىچە بولىدۇ؛ گۈلى ياز مەۋسۇمىدە ئېچىلىدۇ. ئۇرۇقى بىر-ئىككى تال بولۇپ، ئۇنىڭ ئۇرۇقىدا لەڭپۇڭ ئۇنى ياكى يەم-خەشەك ئىشلەشكە بولىدۇ.