«ئە» بىلەن باشلانغان ئىزاھلار

ئەدەپ

ئىسىم [ئەرەبچە] كىشىلەرنىڭ ئۆزئارا مۇئامىلىدە ئۆزىنى تۇتۇشنى بىلىشى؛ ئەخلاق، تەربىيە ۋە ئۇنىڭ ئۆلچەملىرى: ئۇ شۇ كۈنى كەچتە زاۋۇت ئامبىرىنىڭ ئالدىغا بېرىپ، ياش ئامبارچىغا ئەدەپ بىلەن سالام قىلدى.

ئەرەبچە

①سۈپەت. ئەرەبلەرگە، ئەرەب خەلقى، تىلى، ئەدەبىياتى ۋە مەدەنىيىتىگە ئائىت، تەئەللۇق: ئەرەبچە كىتاب. ئەرەبچە ناخشا. ئۇ ئەرەبچە شىفىرلارنى يوغان ئىككى بەتكە يېزىپ، نۇرغۇن قېتىم ھېسابلىغان بولسىمۇ، ھېسابىنى يەنىلا چىقىرالمىدى. ②ئىسىم. ئەرەب تىلى ۋە يېزىقى: سىز ئەرەبچىنى بىلەمسىز ؟ ئەپەندىم مەدرىسىدە ئەرەبچە ئوقۇپ يۈرگەن كۈنلەرنىڭ بىرىدە خەلپەت ئىمتىھان ئاپتۇ:-ئەپەندىم، موزاينى ئەرەبچە نېمە دەيدۇ ؟-دەپ سوراپتۇ.

ئەزۋەيلىمەك

پېئىل ①سۆزدە، ھەرىكەتتە جىددىيلىشىپ بارغانسېرى ئۆرلەپ كەتمەك، كۈچەيمەك، ئەۋجىگە چىقماق، ئەدەپ كەتمەك: تۇرسۇن ئايىمنىڭ جۇدۇنى تۇتقاندا، ئۆزى سۆزلەپ، ئۆزى ئۆرلەپ، ئۆزى پەسكويغا چۈشمىسە، بېرىلگەن تەسەللى كۆيۈۋاتقان ئوت ئۈستىگە قۇيۇلغان ياغ بولاتتى-دە، تېخىمۇ ئەزۋەيلەپ كېتەتتى. ②تېز پۇرسەتتە ئېگىز بولۇپ ئۆسمەك: بىرقانچە يىلدىن بۇيانقى ھۆل-يېغىن بىلەن يول بويىدىكى دەرەخلەر بەس تاشلاپ ئەزۋەيلەپ ئۆسكەنىدى.