«ئە» بىلەن باشلانغان ئىزاھلار

ئەسەر

ئىسىم [ئەرەبچە] ①بىرەر نەرسىدىن قالغان ياكى ئۇنىڭدىن دېرەك بېرىدىغان بەلگە، ئىز؛ ئالامەت: تېۋىپ ئۇنىڭ تومۇرىنى ھەرقانچە تۇتۇپ باققان بولسىمۇ، ھېچقانداق كېسەللىكنىڭ ئەسىرىنى سېزەلمەپتۇ. ②تەسىر: سېنىڭ سۆزۈڭ ماڭا ئەسەر قىلدى. ③كىشىلەردە كۆرۈلىدىغان نېرۋا ئاجىزلىق ئالامىتى: ئەسىرى بار ئادەم. ئەسىرى تۇتماق. ④<ئەدەبىيات> ئىجادىي مېھنەت مەھسۇلى: ئىلمىي ئەسەر يازماق. ئەسەر ياراتماق. ئۇنىڭ دورىگەرلىك ئىلمىغا ئائىت ئۈچ پارچە ئەسىرى نەشىر قىلىندى.

ئەكسىچە

رەۋ ①كۈتۈلگەن ۋە ئارزۇ قىلىنغانغا پۈتۈنلەي قارشى ھالدا، تەتۈرىچە: مەن چوڭ يىغىننى كېچىكتۈرۈپ ئاچىدۇ، دەپ ئويلىغانىدىم، لېكىن ئۇ پەرىزىمنىڭ ئەكسىچە، بەلگىلەنگەن ۋاقىتتا ئېچىلدى. ②خاتا ھالدا: بىز ئۇلارنىڭ تېپىشلىرىگە ئۇنىڭدىن ئاشۇرۇپراق تېپىش بىلەن جاۋاب قايتۇرماي، ئەكسىچە بۇ بىچارىلەرگە رەھىم قىلىشىمىز لازىم ئىكەن. ③قارىمۇقارشى باغلىغۇچى رولىدا كېلىدۇ: ئارسلان نانغا قاراپمۇ قويمىدى، ئەكسىچە ئارقىغا سۈرۈلۈپ پارتىنىڭ ئىچىگە كىرىۋېلىشقا ھەرىكەت قىلدى.

ئەگىمەك

پېئىل ①ئۇدۇل ماڭماستىن يان تەرەپ بىلەن ئايلىنىپ ماڭماق: تۇرسۇن يولدىن ئەگىپ ئۇدۇل ئۆيگە ماڭدى. ②بىرەر ئورۇن، بىرەر نەرسە، بىرەر كىشىنىڭ ئەتراپىنى ئايلىنىپ يۈرمەك: ئېگىز-ئېگىز تاغ باشىدا قۇرغۇي ئەگىيدۇ. قۇرغۇي ئەمەس تاغ باشىدا يارىم ئەگىيدۇ. ③پەيدا بولماق، كۆرۈنمەك: زەيتۇنەمنىڭ كۆڭلى چېچىلىپ كۆزىدە ياش تامچىلىرى ئەگىدى.