«ئە» بىلەن باشلانغان ئىزاھلار

ئەمما

باغلغۇچى [ئەرەبچە] قارىمۇقارشى باغلىغۇچى بولۇپ كېلىدۇ. مەنە جەھەتتىن «لېكىن»، «بىراق» سۆزلىرى بىلەن ئوخشاش: مەن كۆزلىرىدىن كىشىنى ئوڭايسىزلاندۇرغۇچى بىر خىل نۇر چاقناپ تۇرىدىغان بۇ ئادەمنىڭ يۈزىگە قاردىميۇ، ئەمما ئىشقا بەلگىلەشكە تىلىم بارماي، ياغاچ چېلەكنى ئالدىم-دە، سىرتقا قاراپ ماڭدىم.

ئەن

①ئىسىم. قوي، كالا قاتارلىق ھايۋانلارنى تونۇۋېلىش ئۈچۈن، ئۇلارنىڭ قۇلاق ياكى يوتىسىغا سېلىنغان بەلگە، نىشان: ئەن سالماق. ②ئىسىم. رەخت ۋە باشقا نەرسىلەرنىڭ كەڭلىكى؛ توغرىسى: ئېنى كەڭ رەخت. رەختنىڭ ئېنى. ③سۈپەت. كىيىم ۋە باشقا نەرسە ئۈچۈن تېخى ئۆلچەپ كېسىلمىگەن؛ پارچىلانمىغان: ئەن رەخت. ئەن ياغاچ. ④سۈپەت. سۇ ئىتتىك، راۋان ئاقىدىغان، چوڭقۇر: سۈيى ئەن. ئەن ئېرىق. ⑤سۈپەت. ئۆزلەشكەن، كۆنگەن، ئۈنۈملۈك، ھوسۇللۇق؛ مۇنبەت: ئەن يەر. يېرى ئەن جاي.

ئەنجىبار

ئىسىم [پارسچە] <بوتانىكا> قامچىئوت ئائىلىسىگە كىرىدىغان كۆپ يىللىق، سامان غوللۇق ئۈسۈملۈك. غولى يىلتىزسىمان توم، تىك، يەككە ئۆسىدۇ؛ يوپۇرمىقى نۆۋەتلىشىپ ئۆسىدۇ ۋە ساپاقسىز، مېۋىسى ئۈچ قىرلىق، قارا، پارقىراق كېلىدۇ؛ يىلتىزسىمان غولى دورا بولىدۇ؛ ئىسسىق قايتۇرۇش، زەھەرنى تارقىتىش، ئىششىق ياندۇرۇش رولىغا ئىگە.

ئەيش-ئىشرەت

شەھۋانىيلىق، كۆڭۈل ئېچىش، كەيپ-ساپا، مەيخورلۇق: باينىڭ ئىچكىرىكى قورۇسىدىكى ھەشەمەتلىك ئۆيلەردىن ئەيش-ئىشرەت قىلىۋاتقانلارنىڭ سەت كۈلكىلىرى ئۇزاققىچە ئاڭلىنىپ تۇراتتى.