«ئە» بىلەن باشلانغان ئىزاھلار

ئەكسىچە

رەۋ ①كۈتۈلگەن ۋە ئارزۇ قىلىنغانغا پۈتۈنلەي قارشى ھالدا، تەتۈرىچە: مەن چوڭ يىغىننى كېچىكتۈرۈپ ئاچىدۇ، دەپ ئويلىغانىدىم، لېكىن ئۇ پەرىزىمنىڭ ئەكسىچە، بەلگىلەنگەن ۋاقىتتا ئېچىلدى. ②خاتا ھالدا: بىز ئۇلارنىڭ تېپىشلىرىگە ئۇنىڭدىن ئاشۇرۇپراق تېپىش بىلەن جاۋاب قايتۇرماي، ئەكسىچە بۇ بىچارىلەرگە رەھىم قىلىشىمىز لازىم ئىكەن. ③قارىمۇقارشى باغلىغۇچى رولىدا كېلىدۇ: ئارسلان نانغا قاراپمۇ قويمىدى، ئەكسىچە ئارقىغا سۈرۈلۈپ پارتىنىڭ ئىچىگە كىرىۋېلىشقا ھەرىكەت قىلدى.

ئەگىمەك

پېئىل ①ئۇدۇل ماڭماستىن يان تەرەپ بىلەن ئايلىنىپ ماڭماق: تۇرسۇن يولدىن ئەگىپ ئۇدۇل ئۆيگە ماڭدى. ②بىرەر ئورۇن، بىرەر نەرسە، بىرەر كىشىنىڭ ئەتراپىنى ئايلىنىپ يۈرمەك: ئېگىز-ئېگىز تاغ باشىدا قۇرغۇي ئەگىيدۇ. قۇرغۇي ئەمەس تاغ باشىدا يارىم ئەگىيدۇ. ③پەيدا بولماق، كۆرۈنمەك: زەيتۇنەمنىڭ كۆڭلى چېچىلىپ كۆزىدە ياش تامچىلىرى ئەگىدى.

ئەمدى

رەۋىش ①سۆز بولۇۋاتقان پەيتتە، ھازىر: مانا ئەمدى ھەممە ئىش جايىدا بولدى. ②سۆز سۆزلىنىۋاتقان پەيتتىن كېيىن، ھازىر: ئۇ ئەمدى كېلىدۇ. ③مەنىنى تەكىتلەش، كۈچەيتىش ئۈچۈن خىزمەت قىلىدىغان سۆز: خوش ئانا، كېتەي ئەمدى، مەكتەپكە يېتەي ئەمدى. بىلىم-ھېكمەت يولىغا جاننى بەخش ئېتەي ئەمدى.