«ئە» بىلەن باشلانغان ئىزاھلار

ئەجەبا

ئىملىق سۆز [ئەرەبچە] تەئەججۇپ، قىزىق، ھەيران قالارلىق، غەلىتە:-مېنى تېخىچىلا چۈشەنمەيدىكەنسىز-دە!-دېدى تۇرغۇن رەنجىپ، -ئەجەبا، مەن پۇل ئۈچۈن شۇنداق قىلىۋاتىمەنمۇ؟! ياق خەلقىمىزنىڭ پايدا-مەنپەئىتى ئۈچۈن!

ئەدەپ

ئىسىم [ئەرەبچە] كىشىلەرنىڭ ئۆزئارا مۇئامىلىدە ئۆزىنى تۇتۇشنى بىلىشى؛ ئەخلاق، تەربىيە ۋە ئۇنىڭ ئۆلچەملىرى: ئۇ شۇ كۈنى كەچتە زاۋۇت ئامبىرىنىڭ ئالدىغا بېرىپ، ياش ئامبارچىغا ئەدەپ بىلەن سالام قىلدى.