«ئە» بىلەن باشلانغان ئىزاھلار

ئەڭلىكئوت

ئىسىم [ئەڭلىك+ئوت] <بوتانىكا> ئەڭلىكئوت ئائىلىسىدىكى كۆپ يىللىق، سامان غوللۇق ئۆسۈملۈك. يوپۇرماقلىرى توپلىشىپ ئۆسىدۇ ۋە ساپاقسىز كېلىدۇ، مېۋىسى قاتتىق، شەكلى تۇخۇمسىمان ۋە سۇس قوڭۇر رەڭدە بولىدۇ؛ يىلتىزى تېبابەتچىلىكتە دورا قىلىنىدۇ.

ئەھۋاللاشماق

پېئىل ①بىر-بىرىدىن ھال-ئەھۋال، تىنچلىق-ئامانلىق سوراشماق: ئەختەم گۈلچەمخان چوڭ ئانامغا قاراپ كېلىۋېتىپ، گۈللۈك يېنىدا ئىككى قولىنى كۆكسىنىڭ ئۈستىگە جۈپلەپ تەزىم قىلدى. قەددىنى رۇسلاپ ئەھۋاللاشتى. ②ھاللاشماق، پاراڭلاشماق، سۆزلەشمەك؛ پىكىرلەشمەك: تاشۋاي كىشىلەرگە سالام بېرىدۇ ۋە ئۇلار بىلەن قىزغىن ئەھۋاللىشىدۇ.

ئەۋزەللىك

ئىسىم. ئەۋزەل شارائىت، ئەۋزەل خۇسۇسىيەت: دۆلىتىمىزنىڭ شەھەر-بازارلىرىدىكى ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش خىزمىتىدە يېڭى بىر ۋەزىيەت يارىتىش ئۈچۈن، سوتسىيالىستىك تۈزۈمنىڭ ئەۋزەللىكىنى جارى قىلدۇرۇشىمىز لازىم.

ئەبگار

سۈپەت [پارسچە] ①ھال ئەھۋالى ناچار، يامان ئەھۋالغا چۈشۈپ قالغان؛ خاراب: بۇ جاراھەتلەر ئۇنى تولىمۇ كۆرۈمسىز، ئەبگار كۆرسىتىپ تۇراتتى. ②ئورۇق، زەئىپ، جۈدەڭگۈ؛ ئاجىز: ئەتىياز كۈنى تاغدىن ھەيدەپ كېلىنگەن قويلارنىڭ ھەممىسى ئەبگار ئىكەن.

ئەپغان

ئىسىم [پارسچە] <يېزىق تىلى> پىغان، نالە-پەرياد، نالە-زار: شەمسى جانان ئەي نىگارا قايدىسەن، ۋىسالىڭغا ئەمدى قاچان يېتەرمەن، قاي تامانغا باشىم ئېلىپ يۈرەرمەن، مەن نەيلىيىن ياردىن ئەپغان بولمىسا.