«ئە» بىلەن باشلانغان ئىزاھلار

ئەيش

ئىسىم [ئەرەبچە] ①ھۇزۇر-ھالاۋەت، پاراغەت، لەززەت: كەلدى نورۇز، كەلدى بۈگۈن، ئەيش بىنا ئەتكىلى، بارچە ئادەم كۆڭلىنى، شادۇخۇرام ئەتكىلى. ②كەيپ-ساپا، مەيخورلۇق، ئىشرەت: ئەي پەلەك، چەرخى بۇزۇق، قىلغان ئىشىڭ ئېيتسام ئەگەر، بىۋاپا ئالەمدە ئىشرەت ئەيشىنى نادان سۈرەر.

ئەينىيەت

ئىسىم [ئەرەبچە] ①<يېزىق تىلى> ئەينەن، ئوخشاشلىق، بىر خىللىق، بىردەكلىك: ئەينىيەت قانۇنىيىتى. <②مات> تەركىبىدىكى بارلىق ھەرپ بەلگىلىرىنىڭ ھەممە قىممەتلىرىدە مۇتلەق ئۆزگەرمەيدىغان تەڭلىك، ئوخشاشلىق.

ئەييام

ئىسىم [ئەرەبچە] ①<يېزىق تىلى> كۈن، كۈنلەر، ۋاقىت، ۋاقىتلار: ئارچىلار شىلدىرلىدى، قۇشقاچلار كۆككە ئۆرلىدى، قوشۇلۇش ئەييامىنى تورغايلار خەندان كۈيلىدى. ②بايرام، بايرام كۈنلىرى: ئەي ۋەتەن پەرزەنتلىرى، بايرىمىڭىز مۇبارەك، خۇشال-شاد ئۆتۈۋاتقان ئەييامىڭىز مۇبارەك.

ئەييۇھەنناس

ئىم [ئەرەبچە] <يېزىق تىلى>①كۆپچىلىككە، توپلانغان، جەم بولغان خالايىققا قارىتا قىلىنىدىغان خىتاب، نىدا؛ ئەي خالايىق، ئەي ئادەملەر: موللازەيدىن يەنە جاكارلاپ مۇنداق دېدى:-ئەييۇھەنناس-ئىشىتىڭلار ئامۇخاس، گۇناھ رىيا بولسىمۇ، جازا دېگەن راست. ②كۆچمە مەنىلىك سۆز. ھاياجان، قايغۇ، غەزەپ ۋە ئازابلىنىش تۇيغۇلىرىنى ئىپادىلەيدىغان داد-پەرياد، شاۋقۇن-سۈرەن، كۈچلۈك ئاۋاز: كەينىمگە بۇرۇلۇپ قارىدىم، ئەييۇھەنناس، تامنىڭ تۆشۈكلىرىدىن يوغان-يوغان يىلانلار باشلىرىنى چىقىرىپ، كۇشۇلدىشىپ تۇرمامدۇ، بەدەنلىرىم شۈركۈنۈپ كەتتى.

ئەھمىيەت

ئىسىم [ئەرەبچە] ①بىرەر نەرسە ياكى ئىشنىڭ كىشىلىك ھاياتىدا، جەمئىيەتتە، ۋەقەلىكتە تۇتقان ئورنى؛ قىممىتى؛ مۇھىملىقى؛ رولى: ئەھمىيىتى بار. ئەھمىيىتى زور. ②ئېتىبار؛ دىققەت-ئېتىبار: ئەھمىيەت بەرمەك.