«ئە» بىلەن باشلانغان ئىزاھلار

ئەيان

ئىسىم. [ئەرەبچە] <يېزىق تىلى> (ئە: يان) يۇقىرى مەنسەپلىك، مەرتىۋىلىك كىشىلەر؛ ئەمەلدارلار، خوجايىنلار: ماڭا ئېگىلىپ توققۇز تەزىم قىلىدىغان، ئەجرى ئۈچۈن ئىنئام-مۇكاپاتقا غەرق بولغان ئوردا ئەيانلىرىم مەندىن يۈز ئۆرىدى.

ئەھل

ئىسىم [ئەرەبچە] ①بىرەر ساھە، كەسىپ ياكى دائىرە كىشىلىرى: كەسىپ ئەھلى. بىلىم ئەھلى. ②مەلۇم بىر جايدا ياشايدىغان، توپلىشىپ ئولتۇراقلاشقان كىشىلەر، ئاھالە: يۇرت ئەھلى. شەھەر ئەھلى. ③بىرەر ئىش-ھەرىكەتكە قاتناشقۇچى، داخىل بولغۇچى كىشىلەر، جامائەت: مەجلىس ئەھلى.

ئەۋلاد، ئەۋلادى

ئىسىم [ئەرەبچە] ①بىر ئاتا-بوۋىدىن تارقالغان ئۇرۇق-جەمەت، نەسىل: باسىت بوۋاينىڭ يۈزدىن ئارتۇق نەۋرە-چەۋرىسى ئۆلۈپ كەتكەن بولسىمۇ، ئەمما ئۇنىڭ تۆت ئەۋلادى ئىككى يۈز يەتمىشتىن ئاشىدۇ. ②بىر دەۋردە ياشىغان كىشىلەرنىڭ نەسلى: بۈگۈن چۈشەنمىسە ئەتە چۈشىنىدۇ. بۈگۈنكىلەر چۈشەنمىسە، كەلگۈسىدىكى ئەۋلادلار چوقۇم چۈشىنىدۇ!… ③بىر دەۋردە تۇغۇلۇپ ئۆسكەن كىشىلەر: ياش ئەۋلاد. بىرىنچى ئەۋلاد.