«ئە» بىلەن باشلانغان ئىزاھلار

ئەرمەن

ئىسىم <ئىرىق> مۇشۇ نام بىلەن ئاتالغان مىللەت ۋە شۇ مىللەتكە مەنسۇپ كىشى، ئۇلار ئەرمىنىيە دۆلىتىنىڭ ئاساسىي ئاھالىسىنى تەشكىل قىلىدۇ: ئەرمەن تىلى. ئەرمەن خەلقى. ئەرمەن مىللىتى.

ئەزىزلىمەك

پېئىل ①ئالاھىدە ياخشى كۆرمەك، ئەتىۋارلىماق، ھۆرمەتلىمەك، ئىززەت-ئىكرام قىلماق: خەلق ئۈچۈن ئىشلىگەن، خەلق ئۈچۈن خىزمەت قىلغان كىشىنى ھەممە ئەزىزلەيدۇ. ②ئۇلۇغ، سۆيۈملۈك دەپ قارىماق:-ئۇنى بۇنچىۋالا ئەزىزلەپ كەتمىسىلە، دېدى ساۋۇت سەل نارازى بولۇپ.

ئەستەرلىمەك

پېئىل ①ئەستەرگە ئالماق، ئەستەر ئورناتماق: چاپاننى ئەستەرلىمەك. يوتقاننى ئەستەرلىمەك. ②كۆچمە مەنىلىك سۆز. ئاز-تولا بىر نەرسە يېمەك، تويغۇزماق: جامال ئاكا ناتونۇش كىشىگە:-ئاۋۋال قورساقنى ئازراق ئەستەرلەيلى، ئاندىن سۆزلىشەيلى، -دېدى.

ئەسكىرىمەك

پېئىل ①ئەسكى، يارامسىز ھالغا كەلمەك، كونىرىماق: ئەسكىرىگەن چاپان. ئۇنىڭ كىيىم-كېچىكى بەك ئەسكىرەپ كەتتى. ②يامان، ئەسكى، ئوسال قىلىقنى يۇقتۇرۇۋالماق، ئوساللاشماق، يامانلاشماق: ئۇ بالا يېقىندىن بېرى ئەسكىرىۋالدى.

ئەسمەك

①پېئىل. يېگەن تاماق ھەزىم بولماي قورساقنى كۆپتۈرمەك: ھازىر يېگەن شاپتۇل قورسىقىمنى ئېسىپ، بىئارام قىلىۋەتتى. ②پېئىل. <يېزىق تىلى> ئۇرماق، ئۆتمەك، چىقماق، يەلپۈمەك (شامال ھەققىدە): ئەي گۈزەل قىز، يېنىمدىن ئۆتتۈڭ، ئىپار چېچىپ ئەسكەندەك شامال. زىباغىنا قامىتىڭ سېنىڭ گويا يېڭى گۈللىگەن نىھال.

ئەسەبىي

سۈپەت [ئەرەبچە] ①ئاچچىقى، غەزىپى، زەردىسى تېز كېلىدىغان: ئەسەبىي كىشى. ئەسەبىي بالا. ئەزەلدىن تەمكىن ۋە خۇش چىراي بۇ ھاكىم تاقەت قىلالماي ئەسەبىي ئادەمدەك ۋارقىراپ تاشلىدى. ②يامان خاراكتېرلىك، غەلىتە مىجەزلىك: سوتلار قانلىق ۋە ھەيران قالارلىق ۋەقەلەرنى مەززە قىلىپ ئاڭلىغۇچى ئەسەبىي خوتۇنلارغا تولۇپ كېتەتتى. ③قاتتىق ئاچچىق: ئۇنىڭ ۋۇجۇدىنى قانداقتۇر بىر خىل ئەسەبىي قەھرۇغەزەپ چىرمىۋالغانىدى.