«ئە» بىلەن باشلانغان ئىزاھلار

ئەلۋەتتە

[ئەرەبچە] ①رەۋىش. پىكىرنىڭ ياكى ئىش-ھەرىكەتنىڭ قەتئىيلىكىنى، مۇقەررەرلىكىنى، شۈبھىسىز، سۆزسىز بېجىرىلىشىنى بىلدۈرىدۇ: مېنى بارماي قالارمىكىن دەپ ئەندىشە قىلماڭ، مەن ئەلۋەتتە بارىمەن. ②يۈك. شۈبھىسىز، تۇرغان گەپ، تەبىئىي دېگەن مەنىدە: ئەلۋەتتە، ئۇنىڭ دەرھال بارىدىغانلىقى بىزگە ئېنىق.

ئەلەڭگۈ-بەلەڭگۈ

ئۇ-بۇ، ئۇنداق-مۇنداق.. . قاتارلىقلار:-ماۋۇ بالا بىزنى باشقۇرمىغان بىلەن ئاتلارنىڭ قارنى، ھارۋىنىڭ جابدۇقى، ئەلەڭگۈ-بەلەڭگۈلىرىنى شۇ باشقۇرىدۇ ئەمەسمۇ، ھېزىم تېرىق قىزىشىپ سۆزلەپلا كەتتى.

ئەمگەكچانلىق

ئىسىم. ئەمگەكنى سۆيىدىغان كەيپىيات، ئىشلەشنى ياخشى كۆرىدىغان خۇسۇسىيەت: ئۇ ئۆزىنىڭ بۈگۈنكى كۈندىكى ئەمگەكچانلىقى بارلىققا كەلگەنگە قەدەر بولغان جەرياننى ئەسلەپ، ئەمگەكنىڭ شەرەپلىكلىكىنى، ئەمگەك قىلماسلىقنىڭ نومۇس ئىكەنلىكىنى تېخىمۇ چوڭقۇر ھېس قىلدى.

ئەمىسە

باغلىغۇچى. جاۋاب جۈملىنىڭ بېشىدا كېلىپ «ئۇنداقتا، ئۇنداق بولسا، ئۇنداق بولغاندا» دېگەن مەنىلەرنى بىلدۈرىدۇ:-ماقۇل موما، ئەمىسە كەتتۇق، سەن ماڭا راستتىنلا بىر دانە پۇتبول توپى ئېلىپ بېرىسەن؟!-دېدى موماينىڭ نەۋرىسى ئىشىكتىن چىقىپ كېتىۋېتىپ.

ئەنئەنە

ئىسىم [ئەرەبچە] كىشىلەرنىڭ تۇرمۇشتىكى ئۆرپ-ئادەت، ئەخلاق، ئىدىيە، ئىستىل، سەنئەت، تۈزۈم قاتارلىق تەرەپلەردە ئەۋلادتىن ئەۋلادقا، ئاتىدىن بالىغا قېلىپ كېلىۋاتقان، ئۆزىگە خاس ئالاھىدىلىككە ئىگە بىر خىل ئىجتىمائىي ئامىل: مېھماندوست ئۇيغۇر بوۋاي ئۆز ئەنئەنىسى بويىچە ئاتنى ئېغىلغا باغلاپ، يىپەك سەللىلىك يولۇچىنى ئۆيگە باشلىدى.

ئەنسىرەشمەك

«ئەنسىرىمەك» پېئىلىنىڭ ئۆملۈك دەرىجىسى: قىزنىڭ ئائىلىسىدىكىلەر قىزنىڭ «زۇنۇن لەقۋاغا ياتلىق بولماقچى ئوخشايدۇ» دېگەنگە ئوخشاش سۆز-چۆچەكلەرگە قېلىشىدىن بەكمۇ ئەنسىرىشەتتى.

ئەيلەشمەك

①«ئەيلىمەك» پېئىلنىڭ ئۆملۈك دەرىجىسى: ئۇلار مەسئۇلىيەت تۈزۈمىنىڭ تۈرتكىسى بىلەن ئاشتىن چىققان تېرىلەرنى سۈپەتكە كېپىللىك قىلىش شەرتى بىلەن ھۆددىگە ئېلىپ بەس-بەس بىلەن ئەيلەشتى. ②«ئەيلىمەك» پېئىلىنىڭ ئۆملۈك دەرىجىسى: كونا جەمئىيەتتە ئەجنەبىي مۇغەمبەرلەر ئوغرىدەك قەست ئەيلىشىپ، جۇڭگونىڭ پۇت-قولىغا گاڭ چېتىقىنى چاتقانىدى.