«پ» بىلەن باشلانغان ئىزاھلار

پاتېنت

ئىسىم [رۇسچە] ئىجادىيەتچىلەر ۋە كەشپىياتچىلارنىڭ ئۆزلىرى كەشىپ قىلغان مەھسۇلاتلارنىڭ پايدىسىدىن بەلگىلىك ۋاقىت ئىچىدە مۇستەقىل مەنپەئەتلىنىشى، ئادەتتە ئۇ قانۇن تەرىپىدىن قوغدىلىدۇ: پاتېنت ھوقۇقى.

پاراخوتلۇق

①سۈپەت. پاراخوتى بار، پاراخوتقا ئىگە: ئۇ مۇشۇ كۈنلەردە سودىسى روناق تېپىپ بىر پاراخوتلۇق بولۇپ قالدى. ②رەۋىش. پاراخوتتا ئولتۇرۇپ، پاراخوت بىلەن: بىز ئۇ يەرگە پاراخوتلۇق باردۇق.

پاراكەندە

[پارسچە] رەۋىش. تەرەپتەرەپكە تارالغان، چۇۋۇلغان، تىرى-پىرەن، پاتىپاراق: پاراكەندە بولماق. ②سۈپەت. پەرىشان، دېلىغۇل، دەككە-دۈككە، خاتىرجەمسىز: ئۇ ئۆيگە كىرىپ كەلگەندىمۇ پاراكەندە كۆڭلى تېخى بېسىلمىغانىدى.