«پ» بىلەن باشلانغان ئىزاھلار

پارات، پاراتى

ئىسىم [رۇسچە<فرانسۇزچە] ①قوشۇنلار ۋە پائالىيەت دۈيلىرىنىڭ ھەرىكەت تەييارلىقىنى كۆزدىن كەچۈرۈش مەقسىتىدە ئۆتكۈزۈلگەن تەنتەنىلىك كۆرەك: ھەربىي پارات. ②كۆرەكتە بەلگىلىك ھەرىكەت ۋە كىيىنىش بىلەن مەيداندىن تەنتەنە قىلىپ ئۆتۈش ھەرىكىتى: تەنھەرىكەتچىلەر پاراتتىن ئۆتتى.

پاراقچى

ئىسىم. پاراق ئاشلىقىنى تاپشۇرۇۋېلىش ئۈچۈن ھۆكۈمەت تەرىپىدىن بەلگىلەنگەن كىشى، پاراق ئاشلىقىنى تاپشۇرۇۋالغۇچى: ئۇنىڭ دادىسى بۇرۇن ناھىيىلىك ئاشلىق ئىدارىسىدە پاراقچى بولۇپ ئىشلىگەنىدى.

پاراڭ

ئىسىم ①ئىككى كىشى ئوتتۇرىسىدا بولغان گەپسۆز؛ نۇتۇق: پاراڭ سالماق. پاراڭغا چۈشمەك. پاراڭ قىلماق. ②كۆچمە مەنىدىكى سۆز. مىش-مىش، ئېنىق بولمىغان گەپ، سۆز، خەۋەر: ھۆرلىقا توغرىسىدا نېمە پاراڭلار بولغانلىقىنى ئاڭلىمىدىم. ③سۆھبەت، مۇلاھىزە: ئۇلارنىڭ پاراڭ تېمىسى ناھايىتى كەڭ ئىدى.

پارت

تەقلىد سۆز. بىرەر نەرسىنىڭ ئىتتىك ھەرىكەت قىلىشى ياكى يىرتىلىشى، ئۈزۈلۈشىدىن ھاسىل بولغان ئاۋاز: مىڭ تەستە تۇتۇپ كەلگەن جەرەن بالىسى «پارت» قىلىپ قېچىپ ھاي-ھۇي دېگۈچە كۆزدىن يوقالدى.