«پ» بىلەن باشلانغان ئىزاھلار

پاسىبان

ئىسىم [پارسچە] <يېزىق تىلى> ①بىرەر كىشى ياكى نەرسىنىڭ خەۋپسىزلىكىنى، ئامانلىقىنى، دەخلىسىزلىكىنى قوغداش ئۈچۈن كۆزەتكە، پوستقا قويۇلغان كىشى؛ قاراۋۇل، ساقچى: پادىشاھ دەررۇ پاسىبانلىرىنى نېمە ۋەقە بولغانلىقىنى بىلىپ كىرىشكە بۇيرۇپتۇ. ②كۆچمە مەنىدىكى سۆز. ھىمايە قىلغۇچى، مۇھاپىزەت قىلغۇچى، ساقلىغۇچى؛ غەمخور؛ باشپاناھ: سەپ بېشىدا پاسىبانىمىز، چېۋەر رولچىمىز بولغاچقا بۇ غايە چوقۇم ئەمەلگە ئاشىدۇ.

پالاقتۇمشۇق

ئىسىم [پالاق+تۇمشۇق] زوئول> پالاقتۇمشۇقلار ئائىلىسىدىكى بىر خىل قۇش. چاڭجياڭنىڭ جەنۇبىدىكى ھەرقايسى جايلار ۋە خەينەنداۋدا كۆپ ئۇچرايدۇ. ئوتتۇرا قىسىم رايونلار ئۈچۈن پەسىل قۇشلىرى ھېسابلىنىدۇ، جەنۇبى رايونلاردا قىشلايدۇ. ئۇنىڭ چوڭ-كىچىك بىرقانچە خىللىرى بار. تۈك-پەيلىرى باش كىيىملەرنى بېزەشكە ئىشلىتىلىدۇ.

پالەچلىك

ئىسىم. پالەچ بولغان ھالەت، ئەھۋال: كېسەلنى پالەچلىكتىن قۇتقۇزۇشنىڭ ئۈنۈملۈك چارىسى ئۇنى كۆڭۈل قويۇپ داۋالاشتىن ئىبارەت. *ئىدارىمىز خىزمەتلىرىنىڭ چۇۋالچاقلىق، پالەچلىك ھالىتىنى چوقۇم ئۆزگەرتەيلى.