«پ» بىلەن باشلانغان ئىزاھلار

پايزا

ئىسىم <بوتانىكا> باشاقلىقلار ئائىلىسىدىكى بىر يىللىق سامان غوللۇق ئۆسۈملۈك. يازدا چېچەكلەيدۇ. بوز يەرلەردە ئۆسىدۇ. ئېلىمىزگە ۋە شەرقى يېرىم شارنىڭ مۆتىدىل ۋە سۇبتروپىك بەلۋاغلىرىدىكى رايونلارغا تارقالغان. چارۋىچىلىقتا ئوت-چۆپ قىلىنىدۇ.

پاينەك

ئىسىم [پارسچە] تۇخۇمنىڭ توم، يوغان تەرىپى (ئۇچىغا قارىمۇقارشى تەرىپى): سىيىت، مەشرەپكە كۆرەڭلەپ:-مۇشۇنداق تۇخۇمدىن ئىككى يۈزنىڭ ئۇچپاينىكىنى ئۇرۇۋالىمەن، دېسىمۇ قورقماي چېكىشىۋېرىمەن،-دېدى. ②مىلتىق، ئاپتومات، قىلىچ قاتارلىق قوراللارنىڭ تۇتىدىغان سېپى، دەستىسى: جانبېك، كەلگەن پېتى مىلتىقنىڭ پاينىكى بىلەن ھېلىقى كىشىگە يامىشىۋاتقان بۆرىنىڭ بېشىغا بىرنى سالدى. ③باشنىڭ چاچ ئۈنمىگەن ۋە چاچ چۈشۈپ كەتكەن غىلتاڭ قىسمى، پارقىراق چوققىسى: يىگىت ئۇنىڭ بېشىدىن دوپپىسىنى يۇلۇۋېلىپ، قىپقىزىل پاينەك چوققىسىغا شاپىلاقلىدى.

پاھ

ئىملىق سكز ①بىرەر ئىش ياكى سۆزھەرىكەتكە ھەيران قېلىش، ئەجەبلىنىشنى بىلدۈرىدۇ: پاھ، قوللىرىڭىز نېمانچە قاتمال! ②مەمنۇنلۇق، خۇشاللىق ۋە ھاياجاننى بىلدۈرىدۇ: پاھ، تازا ۋاقتىدا مېھمان بولۇپ كەپتىمەندە!

پروتوپلازما

ئىسىم [رۇسچە<گرېكچە] <بىئولوگىيە> ھۈجەيرىنىڭ ھاياتىي كۈچكە ئىگە تەركىبىي قىسمى. ئۇ ھاياتنىڭ ماددىي ئاساسى بولۇپ ئاقسىل، يادرو كىسلاتاسى، ماي، كاربون سۇ بىرىكمىلىرى، ئانئورگانىك تۇز، سۇ قاتارلىقلاردىن تەركىب تاپىدۇ.

پرويېكتور

ئىسىم [رۇسچە<لاتىنچە] يورۇقلۇقتىن پايدىلىنىپ دېتاللارنىڭ پرويېكسىيىسىنى ئېكرانغا چوڭايتىپ چۈشۈرۈش ئارقىلىق، ئۇنىڭ ئۇزۇنلۇقى، بۇلۇڭ گرادۇسى ۋە شەكلى قاتارلىقلارنىڭ توغرىلىق دەرىجىسى ئۈستىدە تەھلىل يۈرگۈزۈشتە ئىشلىتىلىدىغان بىر خىل ئۆلچەش ئەسۋابى.

پوچتا

ئىسىم. ①يۆلىنىپ ئولتۇرىدىغان تۆت چاقلىق ھارۋا. بۇنداق ھارۋىنىڭ يۆلىنىدىغان يېرىنىڭ ئۈستىدە كۈنلۈكى بولۇپ، ئۇنى لازىم بولغاندا ئېچىپ، لازىم بولمىغاندا يىغىپ قويۇشقا بولىدۇ. ②[رۇسچە<پولەكچە] پوسۇلكا، ھۆججەت، پۇل ۋە شۇ قاتارلىق نەرسىلەرنى قوبۇل قىلىپ، كۆرسىتىلگەن كىشى ياكى جايغا يەتكۈزۈپ بېرىدىغان ئالاقە ئورنى ۋە شۇ ئورۇن جايلاشقان بىنا: شەھەرلىك پوچتا ئىدارىسى. ③پوچتىخانىلار تەرىپىدىن تېگىشلىك ئورۇن ياكى شەخسلەرگە يەتكۈزۈپ بېرىلىدىغان خەت، پۇل، پوسۇلكا قاتارلىق نەرسىلەر: بۈگۈن پوچتا كەلدى؟ ④پوچتىخانا: مەن بۈگۈن پوچتىغا باردىم.

پورت

①ئىسىم [رۇسچە<فرانسۇزچە] <قاتناش> سۇ يوللىرىدا كېمە، پاراخوتلار توختايدىغان؛ يۈك بېسىش، يۈك چۈشۈرۈش ئۈچۈن مەخسۇس جاھازىلانغان جاي. ②تەقلىد سۆز. يۇمشاق نەرسىلەرنىڭ ئىچىدىكى گاز ياكى سۇيۇقلۇقنىڭ قاتتىق بېسىم تەسىرى بىلەن ئېتىلىپ چىقىشىدىن ھاسىل بولىدىغان ئاۋاز.