«پ» بىلەن باشلانغان ئىزاھلار

پاراۋوز

ئىسىم [رۇسچە] <قاتناش> پويىزنىڭ ۋاگونلارنى سۆرەپ ماڭىدىغان قىسمى، بۇقىسى. ئۇنىڭ پار، ئېلېكتر كۈچى، ئىچىدىن يانىدىغان دۋىگاتېل قاتارلىقلار ئارقىلىق ماڭىدىغان بىر نەچچە خىللىرى بولىدۇ.

پارچىلىماق

پېئىل ①بۆلەكلەرگە بۆلمەك، ئاجراتماق؛ پارچە قىلماق، پارچە ھالەتكە كەلتۈرمەك: مۇزنى پارچىلىماق. *ساۋۇت ئاشقا بېسىلىدىغان گۆشلەرنى پارچىلاۋاتاتتى. ②بۆلۈۋەتمەك، ئاجىزلاشتۇرماق: يۇرتنى پارچىلىماق. ئاممىنى پارچىلىماق. ③<خىمىيە> تەركىبىي قىسىملارغا ئاجراتماق، بىرىكمىدىن ئاجرىتىپ ئالماق: ئاتومنى پارچىلىماق. ماددىنى پارچىلىماق.

پاژ

تەقلىد سۆز. سۇ ياكى تەركىبىدە سۇيۇقلۇق بولغان نەرسىلەر ئوتتا قىزىتىلغان ياكى قىزىق ياغقا سېلىنغاندىن كېيىن چىقىدىغان ئاۋاز: سۇ قايناپ تېشىپ مەش ئۈستىگە «پاژ» قىلىپ تۆكۈلگەندە چىققان ئاۋاز ئىچكىرىكى ئۆيگە ئاڭلىنىپ تۇراتتى.