«پ» بىلەن باشلانغان ئىزاھلار

پۇلسىرات، پىلسىرات

ئىسىم [پارسچە، ئەرەبچە] ①<دىن> دىنىي ئەقىدىلەرگە كۆرە، دوزاخ ئۈستىدىكى ساۋابلىق ئىش قىلغان كىشىلەرلا ئۆتەلەيدىغان كۆۋرۈكنىڭ نامى: پۇلسىرات (پىلسىرات) كۆۋرۈكى. پۇلسىراتتىن ئۆتمەك.

پۈركەنچە

ئىسىم. ئاياللار باش ۋە گەۋدىسىنى پۈركىۋالىدىغان چوڭ ياغلىق، رومال ياكى يەڭسىز كىيىم: ئىشرەت ئوغرى قىزنى كۈندۈزدىلا سۇغا چىققان يېرىدىن، بېشىنى پۈركەنچە بىلەن يېپىپ، ئاتنىڭ ئالدىغا ئېلىپ قېچىپتۇ.

پۈرۈك

①سۈپەت. پۈرۈلۈپ كەتكەن، پۈرۈلگەن: شۇ تاپتا ئۇنىڭ گۆشلۈك قاپاقلىرى ئاستىدىكى پۈرۈك كۆزلىرى يۇمۇلۇپلا قالغانىدى. ②ئىسىم <زوئولوگىيە> بەزى بېلىقلار، قوش ماكانلىقلار، سۆرەلگۈچىلەر ۋە قۇشلارنىڭ ئۈچىيى، سۈيدۈك نەيچىسى ۋە كۆپىيىش بېزىنىڭ ئېغىزلىرى بىر بوشلۇقتا بولىدۇ. بۇ بوشلۇق پۈرۈك دېيىلىدۇ. ③ئىسىم. قوڭ: توخۇنىڭ پۈرۈكى.

پائالىيەتلىك

سۈپەت ①ئەستايىدىل ئىشلەيدىغان، پائالىيەتچان، ئاكتىپ: پائالىيەتلىك ئادەم. ②پائالىيەتنى ئۆز ئىچىگە ئالغان: بۈگۈن ئۆسمۈرلەر تەنتەربىيە مۇسابىقىسىدا مەزمۇنلۇق، تەسىرلىك، ھەر خىل پائالىيەتلىك ھەرىكەتلەر كۆرسىتىلىدۇ.

پاتىھە، پاتىھەسى

ئىسىم [ئەرەبچە] ① قۇرئاننىڭ بىرىنچى سۈرىسى، باشلىنىشى. ②بىراۋنى يوقلاپ ياكى زىيارەت قىلىپ ھۇزۇرىغا ۋە ئۆيىگە بارغاندا ئەھۋاللىشىشتىن ئىلگىرى ياخشىلىق تىلەپ ئېيتىلىدىغان دۇئا: پاتىھە قىلماق. *تېرىمدىن كەلگىنىڭنى ئاڭلاپ پاتىھە ئوقۇپ كېلەي دەپ كېلىۋىدىم. ③بىرەر ئىشنى باشلىغان كىشىگە ياخشىلىقنى تىلىگەن ھالدا بېرىلگەن رۇخسەت، ئىجازەت: سودىگەرلەر ئۇنىڭغا ھەر كۈنى سالام بېرىپ ئۇنىڭدىن پاتىھە ئالغاندىن كېيىن، ئۆز تىجارەت ئورنىغا بېرىپ دۇكىنىنى ئاچىدىكەن. ④ئۆلۈم ئۇزىتىلغان ئۆيدە ئۆلۈمدىن كېيىن بىرقانچە كۈن ئىچىدە ياكى ھېيت كۈنلىرى مەرھۇمنىڭ روھىغا ئاتاپ قىلىنغان دۇئا ۋە تەزىيىلەر: ئەپەندىم باينىڭ ئۆيىگە پاتىھەگە بېرىپ:-مەرھۇمنىڭ گۆرى چوڭقۇر بولسۇن،-دەپ دۇئا قىلىپتۇ. ⑤قىز بىلەن يىگىت تۇرمۇش قۇرۇشنى ماقۇل كۆرگەندىن كېيىن ئوغۇل تەرەپنىڭ قىز تەرەپ ئائىلىسىگە بارىكاللا ئېيتىپ بەرگەن تەشەككۈر دۇئاسى: پاتىھەدىن كېيىن ئابدۇۋارىس مۇپتى توي ۋاقتىنى...

داۋامىنى ئوقۇڭ!